65.35 مېتىر
شىنجاڭلىق يىگىت ئەرلەر دىسكا ئېتىش تۈرىدە مەملىكەت رېكورتىنى ياراتتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 2025 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا ئېتىش تۈرى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2 ـ بېكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى ئابدۇغېنى تۇرغۇن ئەرلەر دىسكا ئېتىش مۇسابىقىسىدە 65.35 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولۇپ، 29 يىلغا يېقىن ساقلاپ كېلىنىۋاتقان مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
65.35 مېتىر! بۇ، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكىسىدا تاشلانغان بىر كىچىك قەدەم، ئەمما شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكىسىدا تاشلىغان بىر چوڭ قەدەم.
شۇ كۈندىكى مۇسابىقىدە، ئابدۇغېنى ھەربىر قېتىمدا دىسكىنى 62 مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىققا ئاتتى. ئۇ ئالدى بىلەن 64.95 مېتىرغا ئېتىشتەك نەتىجە بىلەن، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆزى ياراتقان شىنجاڭ ئەرلەر دىسكا ئېتىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ پەقەت بىر ئاساس سېلىش بولۇپ قالدى. ئارقىدىن ئۇ كۈچەپ بىر ئېتىۋېدى، رېپېر 65.35 مېتىرلىق نەتىجىنى ئېلان قىلدى، پۈتۈن مەيدان تەنتەنىگە چۆمدى، رىقابەتچىلىرىمۇ بەس ـ بەستە تەبرىكلىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو ئەرلەر دىسكا ئېتىش مەملىكەت رېكورتى 65.16 مېتىر بولۇپ، شەندۇڭلۇق ماھىر لى شاۋجيې 1996 ـ يىلى مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياراتقانىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە پەقەت ئابدۇغېنى ۋە ئۇنىڭ تىرېنېرى نۇرمەمەت تۇراقلا بۇ نەتىجىگە يېقىنلاشقانىدى. ھازىر، ئابدۇغېنى بۇ رېكورتنى 0.19 مېتىر ئۆستۈردى.
«بەك ھاياجانلاندىم، تولىمۇ خۇشال بولدۇم. بۇ ئۆمرۈمدە مۇشۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاشنى نىشان قىلغانىدىم، تەنھەرىكەتچى بولۇش ھاياتىمدا ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئارزۇيۇمنى بۈگۈنكى كۈندە شاگىرتىم ئىشقا ئاشۇردى، ھەممە ئىشلار ئارزۇيۇمدىكىدەك بولدى» دېدى نۇرمەمەت تېلېفوندا خۇشال ھالدا.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەشىق مەركىزى ئابدۇغېنى ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئېتىش تۈرى تىرېنېرى دىتتېر كېلارىكنى تەكلىپ قىلدى. كېلارىك ئىلگىرى گۇڭ لىجياۋنى تەربىيەلەپ، ئۇنىڭ دۇنيا چېمپىيونى بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنىدى. گېرمانىيەدىكى بىرنەچچە ئايلىق يىغىلىپ مەشىق قىلىش جەريانىدا، كېلارىك ئابدۇغېنىنىڭ تېخنىكىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزەتتى، كۈچ مەشىقىنى كۈچەيتتى. بۇ تىرىشچانلىقلار ناھايىتى تېزلا ئەلا مۇسابىقە نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، 3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، 2025 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا ئېتىش تۈرى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 1 ـ بېكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ 64 مېتىر 36 سانتىمېتىرلىق نەتىجە بىلەن شىنجاڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت كۈندە، ئابدۇغېنى ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ رېكورتىنى ئۈچ قېتىم بۇزۇپ تاشلىدى ھەم مەملىكەت رېكورتىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ يىل، ئابدۇغېنى يەنە 5 ـ ئايدىكى ئاسىيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، 8 ـ ئايدىكى دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە 9 ـ ئايدىكى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ مەيدان مۇھىم مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ ھالىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى رېكورتىنى داۋاملىق يارىتىشىدىن ئۈمىد بار.
«بىز 6 ـ ئايدا داۋاملىق گېرمانىيەدە يىغىلىپ مەشىق قىلدۇرۇپ ھەم بىر قىسىم خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇسابىقە تەجرىبىسىنى بېيىتىشنى پىلانلىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇغېنىنىڭ باشقا چوڭ مۇسابىقىلەردە داۋاملىق ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەشىق مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جەي خۇڭفېي.