□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشى بىلەن، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى شامال چارباغ كەنتى داۋالاش ئۆيى ئىشقا كىرىشتى، كەنت دوختۇرى رەشىدەم سۇلايمان بىر كۈنلۈك خىزمىتىگە تەييارلىق كۆرۈپ، داۋالاش ئەسۋابلىرىنى دېزىنفېكسىيەلىدى، كېسەللىك تارىخىنى رەتلىدى، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈردى، ھەرىكەتلىرى تولىمۇ تەرتىپلىك ئىدى. داۋالاش ئۆيىنىڭ تېمىغا لىق ئېسىلغان لەۋھەلەر ئۇنىڭ 34 يىل خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.
سائەت 10لار ئەتراپىدا، ئاغرىقلار ئارقا ـ ئارقىدىن داۋالاش ئۆيىگە كېلىشكە باشلىدى. «ئىلگىرى ھەر كۈنى 20 ـ 30 ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى كۆرەتتىم، ھازىر بىر ھەسسە كۆپەيدى.» رەشىدەم مۇنداق دېدى: كەنت داۋالاش ئۆيى كەنت ئاھالىلىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كارخانىلاردىكى ئىشچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 3000دىن ئارتۇق كىشىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، B چاۋ تەكشۈرۈش ئۆيى، قائىدىلىك تەكشۈرۈش ئۆيى، جۇڭيى تېبابىتى ئۆيىنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، «يېزىلىق دوختۇرخانا كىچىك كېسەللەرنى كەنتتىلا داۋالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئادەتتىكى ئاغرىقلار ۋە سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى ئىمكانقەدەر كەنتتىلا بىرقەدەر ياخشى داۋالىنىش ۋە ساغلاملىقنى ئاسراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ كەلدىم».
دورىخانىنىڭ ئەينەك ئىشكاپىغا دائىم ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك دورىلار رەتلىك تىزىلغانىدى، جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئۆيىدىن جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ خۇش ھىدى تارىلىپ تۇراتتى. كېسەل كۆرۈش ئۆيىنىڭ سىرتىدا، 64 ياشلىق زوۋ شىچىڭ سوزۇلما كېسەللىك كارتىسى بېجىرىشنى ساقلاۋاتاتتى: «ئالدىنقى ئايدا يۆتەل بولۇپ قېلىۋېدىم، رەشىدەم دوختۇر بىر قاراپلا ئۆپكە يەللىك ئىششىقى كېسىلىمنىڭ قوزغالغانلىقىنى بايقاپ، ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى.» يېنىدىكى تيەن شياۋخۇا ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ مېنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىم بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىغان بولسا، مەن تېخىچە ئادەتتىكى باش ئاغرىقى كېسىلى قاتارىدا داۋالىنىپ يۈرگەن بولاتتىم».
كۈتۈش زالىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا بىر نەچچە ئاغرىق مۇخبىر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدى، «رەشىدەم دوختۇرنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ياخشى، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ كارىۋات بېشىدا ھەمىشە ئۇ يازغان دورا ئىچىش ئەسكەرتمىسى بار» «بەزى ياشانغانلارنىڭ داۋالاش ئۆيىگە كېلىشى قولايسىز بولغاندا، رەشىدەم دوختۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېسەل كۆرىدۇ» «رەشىدەم دوختۇرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى، ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنىمۇ كۆرەلەيدۇ، بالىلارنىڭ كېسىلىنىمۇ كۆرەلەيدۇ» «رەشىدەم دوختۇر شەھەردىكى دوختۇرخانىلاردىكى دوختۇرلارغا ئوخشاش ئالىي دەرىجىلىك دوختۇر، داۋالاش مۇتەخەسسىسى» ....
ئالىي دەرىجىلىك دوختۇر؟ داۋالاش مۇتەخەسسىسى؟ داۋالاش ئۆيىدە، مۇخبىرنىڭ گۇمانلىنىش ئىپادىسى چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ رەشىدەم كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ئۆرۈلۈپلا ھۆججەت ئىشكاپىدىن بىر مۇنچە گۇۋاھنامىنى ئالدى، ئەڭ ئۈستىگە قويۇلغان ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىگە: رەشىدەم سۇلايمان، مۇدىر ۋىراچ، دەپ يېزىلغانىدى.
«مەن 1991 ـ يىلى قومۇل سەھىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، ئىزچىل يېزىدا دوختۇر بولۇپ كەلدىم. ئىلگىرى يېزىدىكى دوختۇرلار ئالىي ئۇنۋان ئالالمايتتى، نۇرغۇن كىشىلەر ئامال قىلىپ سىرتقا چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، شەھەرگە كىرىشنى ئويلايتتى، يېزىدا تۇرۇشنى خالىمايتتى.» رەشىدەم ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى سىيلىغىنىدا، بارماقلىرى يېنىك تىترىدى، «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى، يېزا دوختۇرلىرىغا قارىتا نىشانلىق باھالاش، نىشانلىق ئىشلىتىش يولغا قويۇلدى. مەن ئىشلەش داۋامىدا تۆۋەن دەرىجىلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشتىم، 2022 ـ يىلى ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالدىم. ھازىر مېنىڭ غەيرىتىم تېخىمۇ ئاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل كەنتتە يىلتىز تارتىپ، جان ـ دىل بىلەن ھەر مىللەت يۇرتداشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن».
داۋالاش ئۆيىدە، 70 ياشلىق موماي ئاقايلا رەشىدەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بالام، سىز كەنتتە تۇرۇپ قېلىڭ، بىز ھەممىمىز سىزگە ئېھتىياجلىق» دېدى.
بىر نەچچە تۈركۈم ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، رەشىدەم جۇڭيى تېبابىتى ئۆيىگە كېلىپ، بىر نەچچە ئاغرىقنى بىرمۇبىر ئۇۋۇلاپ، لوڭقا قويۇپ، يىڭنە سانجىپ داۋالاشقا باشلىدى.
«بىزنىڭ بۇ كەنت داۋالاش ئۆيىمىز ئۈچ قەۋەتلىك بىنا، 400 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، جەمئىي تۆت ئادەم بار، بىر پىلانلىق تۇغۇت مەخسۇس كادىرى، بىر دورىگەر، بىر ئاممىۋى سەھىيە مەخسۇس كادىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ سېسترالىق سالاھىيىتى بار، ماڭا ياردەملىشىپ ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ.» رەشىدەم مۇنداق دېدى: شامالچارباغ كەنتى داۋالاش ئۆيى قومۇل شەھىرىدىكى ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ تولۇق، ئەڭ چوڭ كەنت دەرىجىلىك داۋالاش ئۆيى بولۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى، ئاپتونوم رايون بىلەن قومۇل شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى بۇ جايدا نەق مەيدان ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچقانىدى.
«كەنت داۋالاش ئۆيى دېھقان، چارۋىچى ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، كەنت دوختۇرلىرىنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم.» قومۇل شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سادەت ئەمەت مۇنداق دېدى: 2022 ـ يىلى قومۇل شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارغا يۈزلىنىپ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى نىشانلىق باھالاش شەرتىنى بېكىتىپ، باھالاشتا خىزمەت نەتىجىسى ۋە تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇش تارىخىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، ئىلمىي ماقالە سانىغا قويۇلىدىغان تەلەپنى سەل بوشىتىپ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ساننى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپى، جاپالىق رايونلاردىكى دوختۇر، سېسترالارغا مايىللاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن يېزا ـ كەنتلەردە ئۇزاق مۇددەت يىلتىز تارتقان بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار ئوتتۇرا دەرىجىلىك، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ھەم ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشتى.
سىياسەت مەيىن دولقۇنى كېڭەيمەكتە. قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «قوش نىشانلىق» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تېببىي داۋالاش قوشۇنىدا ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيگەن، نوپۇزلۇق دوختۇرلارنىڭ غەيرىتى ئاشقان، ياش دوختۇرلارنىڭ قىزغىنلىقى كۈچەيگەن، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ تېببىي داۋالاش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى بارغانسېرى ياخشىلانغان.
كەچكى شەپەق نۇرىدا قۇياش غەربكە پېتىۋاتقاندا، رەشىدەم ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاغرىقنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ئەتىسى كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدىغان ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى رەتلەشكە باشلىدى ھەم خاتىرە دەپتىرىگە ئەسكەرتىدىغان ئىشلارنى خاتىرىلىدى: پاشاخان ئانىنىڭ قان شېكىرىنى قايتا تەكشۈرىدىغان ۋاقىت بولدى، مەمەتنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ئىنسۇلىنى ئاز قاپتۇ...
داۋالاش ئۆيىنىڭ دېرىزە تەكچىسىدە بىر تەشتەك كېسان گۈلى يېڭى يوپۇرماق چىقارغان بولۇپ، ئۇنى بىر ئاغرىق ئىككى كۈن ئىلگىرى مەخسۇس ئېلىپ كەلگەنىدى.
[مۇخبىرنىڭ تەسىراتى]
تېخىمۇ كۆپ «ئەڭ يۇقىرى چەك»تىن ھالقىپ ئۆتۈشكە تەقەززامىز
كەنت دوختۇرى رەشىدەم سۇلايماننىڭ ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى دوختۇرلارنى يېزىدا يىلتىز تارتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى بولۇپ، ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ.
ئىلگىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى كەسپىي ئورۇنلاردا تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئالىي ئۇنۋاندىن ئىبارەت «ئەڭ يۇقىرى چەك» ئاستىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى، ئۇنۋان دەرىجىسىنى ئۆرلىتىش يولى بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇنۋان ئېلىشتا چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، تەمىنات يۇقىرى كۆتۈرۈلمەي، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامدا ئادەم ئېلىپ قېلىش تەس ئىدى.
2022 ـ يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر سىياسەتتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «نىشانلىق باھالاش، نىشانلىق ئىشلىتىش» بويىچە ئۇنۋان باھالاش چارىسىنى تۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. بۇ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى تەدبىر بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملار، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلارغا ئىنتايىن پايدىلىق ئىش بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتى چوڭقۇر سۇ رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، بەزى ساھەلەردىكى قاراش، مېخانىزم، ھەمكارلىشىش جەھەتتە يەنىلا ساقلىنىۋاتقان «ئەڭ يۇقىرى چەك»كە قارىتا، بىز چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ھاياتىي كۈچ قوبۇل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بارلىق قاراش قورغىنى، تۈزۈم توسالغۇسى، يولغا تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.