
ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان باھا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باھانى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «باھانى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى.
«پىكىر»نىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، بازار باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باھا يېتەكچىلىكى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، باھانى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار باھاسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار ئۈنۈملۈك بولغان، تەڭشەش ـ تىزگىنلەش مۇۋاپىق بولغان، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىلمىي بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك باھانى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش.
«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خىزمەت جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازار ئارقىلىق باھا شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بازارغا تاپشۇرۇپ، ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. سىستېمىلىق قاراش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باھانى مۇۋاپىق شەكىللەندۈرۈش، مەنپەئەتنى ماسلاشتۇرۇش ـ ئورتاق بەھرىلىنىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئاشكارا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باھانى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، باھادا بازاردىكى تەمىنات ـ ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، باھا ئىنكاسىنىڭ جانلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. باھانى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باھاغا دائىر قانۇن ـ نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھانى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ باھا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
«پىكىر»دە يەنە، بايلىقنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بازار باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان باھا يېتەكچىلىك مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، مال باھاسىنىڭ مۇۋاپىق سەۋىيەسىنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باھا تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بازار باھاسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، باھانى ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.