4-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ «ئىككىنى كېمەيتىش» سىياسىتىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ ئەمەلىيىتى شەكلىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى 2025-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە «ئەتىيازلىق تەتىل»، «قار تەتىلى»نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىكەن.
2025-يىلىدىكى كونكرېت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى: 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە «ئەتىيازلىق تەتىل» بولۇپ، جەمئىي ئۈچ كۈن؛ 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە «قار تەتىلى» بولۇپ، جەمئىي بەش كۈن بولىدۇ.
«ئەتىيازلىق تەتىل»، «قار تەتىلى» مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ تەشكىللىگەن تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش، تەنھەرىكەت يىغىنى قاتارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىدە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپلىق يېتىلسە بولىدۇ. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى جاڭ مېڭتىڭ)