تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيە قۇرۇلۇشىدا ئىش ئەسلىگە كەلدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16دە، جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيە قۇرۇلۇشىدا ئىش ئەسلىگە كەلدى.

   جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن قومۇل شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىققا ياسالغان، لىنىيە غەربتە ئۈرۈمچى شىمالى ۋوگزالى-جياڭجۈنمياۋ ۋوگزالى تۆمۈريولىدىكى جياڭجۈنمياۋ ۋوگزالىدىن باشلىنىپ شەرقتە خۇڭليۇخې-نوم تۆمۈريولىدىكى نوم ۋوگزالىدا ئاخىرلىشىدۇ، قۇرۇلۇش 2021-يىلى 4-ئايدا باشلىنىپ، 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، تىجارەت مۇساپىسى 433.521 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش يېڭى يولى بەرپا قىلىندى.

   جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيە قۇرۇلۇشى 2023-يىلى 9-ئايدا باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئايدا، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى لىنخې-قومۇل تۆمۈريولىنىڭ غول يول قۇرۇلۇشى پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش تاماملاندى، بۇ قۇرۇلۇشتا 392 كىلومېتىر لىنىيەنى يېڭىدىن ياساش، 13 ۋوگزالنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار، سەنتاڭخۇ، نوم كان رايونى قۇرۇلۇشىنى ئېچىشتىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ھېسابلىنىدۇ.

4-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16:00دە، جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولنىڭ سەنتاڭخۇ بېكىتى ئەتراپىدا، خىزمەتچى خادىملار يول ئۇلى قۇرۇلۇشى قىلماقتا.

گو زىيى فوتوسى

   جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، دەسلەپكى لايىھەنى تەستىقلاشنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن قۇرۇلۇش چېرتىيوژىنى لايىھەلەش، ماددىي ئەشيالارغا خېرىدار چاقىرىش، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى مەيدانغا ئېلىپ كىرىپ تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش بۆلىكىدىكى ئۈچ ۋوگزال ئالدى تۈر بۆلۈمى، 10 ۋوگزال ئالدى ئىش رايونىنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ ھەرقايسى قۇرۇلۇش بۆلەكلىرىدە تۈر بۆلۈمىنى باشقۇرۇش، مەشغۇلات قىلىش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل 800دىن ئارتۇق ئادەم تېز سۈرەتتە قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىپ، قۇرۇلۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

   «جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيە قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ ئەلالاشتۇرۇپ لايىھىلەنگەن، بەش ۋوگزالنى 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ يۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ۋوگزالغا ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدۇق.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى باش قوماندانلىق ئىشتابى بىخەتەرلىك-سۈپەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شيۇڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «تۈر قۇرۇلۇشى تىجارەت لىنىيەسىگە يېقىن بولۇپ، لىنىيە ئۇزۇن، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. بىز ھەرقايسى ئۈسكۈنە باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋوگزالنى ئۆزگەرتىش، كۆۋرۈك، يول ئۇلى ياساش قاتارلىق قۇرۇلۇش مەشغۇلاتلىرىنى تېز ئېلىپ بارىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نادىر قۇرۇلۇشلارنى پائال بەرپا قىلىمىز.»

   جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيە قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يول تورىدىكى «بوشلۇق قالدۇرۇلغان» جايلار ئۈنۈملۈك تولدۇرۇلىدۇ، بۇ شىنجاڭنىڭ شىمالىي ئۇچ يولىنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، لىنىيە بويىدىكى كۆمۈر تىرانسپورت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، رايون يول تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.