
ئۈرۈمچى سايباغ رايونىغا جايلاشقان خوتەن 2- كوچىسى قايناق تۇرمۇش كەيپىياتىغا تولغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ بېقىشقا، خاس تاۋارلارنى سېتىۋېلىشقا، ئۆزگىچە شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

خوتەن 2- كوچىسىدا مەززىلىك ھىدى ئەتراپنى بىر ئېلىپ پولۇ پىشتى، گۈرۈچلىرى پارقىراپ، چېچىلىپ تۇرغان، قوي گۆشى بېسىلغان پولۇ ساياھەتچىلەر چوقۇم تېتىپ كۆرىدىغان تائاملارنىڭ بىرى. (لېي تىڭ فوتوسى)
ۋاڭ يۈ
ئاۋات، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ رايونىدا ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە كونا كوچا − خوتەن 2- كوچىسى بار. ئۇنىڭ بىر ئۇچى تارىخنىڭ ۋەزنىگە، يەنە بىر ئۇچى شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقىغا تۇتىشىدۇ.
بۇ يەر ئىلگىرى ئۇزۇن يولنى بېسىپ كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ئارامگاھى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە مەززىلىك تائاملار بىلەن مەدەنىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان كوچا رايونى بولۇپ قالدى. بۇ كوچىدا كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدىغان كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ؛ چىشلىسە شورپىسى ئېقىپ تۇرىدىغان سامسىنىڭ مەززىلىك ھىدى تۆت ئەتراپنى بىر ئالىدۇ؛ داپەنجى، چەينەك شورپىسى، پولۇ قاتارلىق خاس تائاملارنى كۆرگەندە كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭچە تەم بار. بۇ يەردىن ئۆتكىنىڭىزدە خۇددى دەۋر تىۋىشلىرىنى ئاڭلىغاندەك، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەتنىڭ بۇ يەردە ئۇچرىشىپ يۇغۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەندەك بولىسىز.
مەنبە يىللار چوڭقۇرلۇقىدىكى سودا تومۇرى
خوتەن كوچىسى سايباغ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تىنچلىق ئۆستىڭىنىڭ شەرقىي ئۆستىڭى بىلەن غەربىي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ، شىمالدا خېيلۇڭجياڭ يولىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا تىنچلىق كۆۋرۈكىگىچە سوزۇلىدۇ.
بۇ كونا كوچا قانداق شەكىللەنگەن؟
دۇ شۆۋېينىڭ ئەسىرى «ئۈرۈمچى ھەققىدە: بىر بەلباغ، بىر يولدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت»تا خوتەن كوچىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق خاتىرە بار: «1915- يىلى ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە خوتەندىن ئۈرۈمچىگە سودا قىلغىلى كەلگەنلەر بۇ يەردە مالساراي، تۇرالغۇ سېلىپ خوتەننىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ساتقان، شۇڭا ئامما بۇ يەرنى خوتەن كوچىسى دەپ ئاتىغان».
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 1909- يىلى دېھقان پازىلاخۇنباي قاتارلىق ئالتە كىشى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن.
شۇ چاغدا ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ غەربى يەنىلا قاقاس شېغىللىق ساي بولۇپ، پەقەت بىرنەچچە يۈرۈش ئاددىي كېسەك ئۆيلا تارقاق جايلاشقان ئىدى. بۇ بىرنەچچە باتۇر يىگىت بۇ يەرگە ماكانلىشىپ، خوتەننىڭ گىلەم، كىگىز، قۇرۇق مېۋە قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ سېتىپ، سودىگەرلىك ھاياتىنى باشلىغان.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ھەر مىللەت سودىگەرلەر، ھۈنەرۋەنلەر بۇ يەرگە جەم بولغان. ئۇلار بۇ يەردە ئۆي سېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، تەدرىجىي ھالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش كىچىك نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
دەسلەپتە بۇ يەرنىڭ يوللىرى تار توپا يول بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قىلچە توسۇپ قالالمىغان، كىچىك ئاشپۇزۇللار، مىلىچمال دۇكانلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، تەدرىجىي ھالدا تۇرمۇش ئاۋاتلىقىغا تولغان بىر كوچا شەكىللەنگەن. بۇ كوچا بارا- بارا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، كىشىلەر ئۇنى «خوتەن كوچىسى» دەپ ئاتاشقان.
خوتەن كوچىسىدا سودا كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشقان، ھەر مىللەت خەلق بۇ يەردە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، سودا قىلىپ، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەملەشكەن. رەڭگارەڭ ئەتلەس، كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان قۇيماق، ساڭزا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى... كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن.
كېيىن شەھەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خوتەن كوچىسى يەنىمۇ ئىنچىكە ئايرىلدى، بۈگۈنكى كۈندىكى خوتەن 1- كوچىسى ئاساسلىقى ئاھالىلەر رايونى بولۇپ، كەيپىياتى تىنچ، ئىناق؛ خوتەن 2- كوچىسى يېمەك- ئىچمەك كوچىسىغا ئايلىنىپ، ئاۋاتلىققا، ئالدىراشچىلىققا چۆمۈپ قايناق تۇرمۇش كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.
1957- يىلى 10- ئايدا خۇاڭخې كوچا باشقارمىسى قۇرۇلدى، 1960- يىلى خۇاڭخې خەلق گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلدى، 1962- يىلى ئەسلىدىكى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 1968- يىلى 4- ئايدا خۇاڭخې يولى كوچا باشقارمىسى ئىنقىلابىي كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى، 1978- يىلى ئەسلىدىكى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 1983- يىلى نامى خوتەن كوچىسى كوچا باشقارمىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، ھازىرغىچە شۇ نامدا ئاتىلىپ كەلمەكتە. «خوتەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى»نىڭ نامىدا بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر تارىخنىڭ خاتىرىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خوتەن 2- كوچىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىنىڭ گۇۋاھچىسى.
ئۆزگىرىش كونا كوچا تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى
«ئون يىل ئىلگىرىكى بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ». خوتەن 2- كوچىسىدىكى ئىناقلىق باچكا شورپىخانىسىنىڭ مەسئۇلى گۈلزارنىڭ چېھرىدە قىزغىن تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئۇ بىر تەرەپتىن دۇكاندىكى خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىدى. كۆلىمى 40 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ باچكا شورپىخانىسىغا ئۈستەل- ئورۇندۇقلار زىچ تىزىلغان بولۇپ، خېرىدارلار بىلەن لىق تولغانىدى.
گۈلزار 12 يىل ئىلگىرى يېڭى تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ياتلىق بولۇپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كەلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ شەھەردە يىلتىز تارتتى. ئۇ ئېرى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ باچكا شورپىخانىسىنى ئاچتى. ئۇ چاغدا خوتەن 2- كوچىسىدا نۇرغۇن كىچىك ئاشخانا ئېچىلغان بولسىمۇ، سودىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.
ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ كونا كوچىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. شەھەرنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى خوتەن 2- كوچىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، بەس- بەستە كېلىشتى. ئەسلىدە سەل تىنچ كۆرۈنىدىغان بۇ كونا كوچا بىردىنلا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. ساياھەتچىلەر چوڭ- كىچىك كوچىلاردا ئۇيان- بۇيان ئۆتۈشۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس تائاملىرىنى تېتىپ، تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن تونۇشتى.
ھازىر ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئەڭ دەسلەپكى داڭلىق باچكا شورپىسىدىن باشقا، گۈلزار يەنە خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قورۇمىلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كەپتەر كاۋىپى، ئاچچىق قوي پاچىقى قاتارلىقلارنى چىقاردى. بۇ مەززىلىك تائاملار نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى.
گۈلزارنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى بۇ كوچىدىكى قوشنىلار ئارىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇق ئىدى. ئەتراپتىكى دۇكاندارلار ۋە كونا خېرىدارلار گۈلزارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس- بەستە ياردەم قولىنى سۇندى، بەزى دۇكاندارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ دۇكىنىغا قارىشىپ بېرىپ، گۈلزارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خاتىرجەم خەۋەر ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى؛ بەزى كونا خېرىدارلار تەرەپ- تەرەپتىن ياخشى داۋالاش چارىلىرىنى سۈرۈشتۈردى ياكى ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى.
قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ خوتەن 2- كوچىسىدا قايناق تۇرمۇش كەيپىياتى، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.
ھاياتىي كۈچ بازارنى ئاۋاتلاشتۇرغان يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى
ناۋادا بىرسى مەندىن: «ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئاۋات جاي قەيەر؟» دەپ سورىسا، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن: «خوتەن 2- كوچىسى» دەپ جاۋاب بېرىمەن.
خوتەن 2- كوچىسىدىكى كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان چاغ گۇگۇم چۈشكەن، رەڭگارەڭ چىراغلار يېقىلغان پەيتتۇر. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندا خوتەن 2- كوچىسىدىكى چىراغلار بىر- بىرلەپ يورۇپ، كاۋاپ بىلەن ناندىن تارىغان مەززىلىك ھىد كوچىغا تاراپ، پۈتۈن ئەتراپ قاينام- تاشقىنلىققا تولىدۇ.
ھەقىقىي مەززىلىك تائاملار كۆپ ھاللاردا بىز ھەر كۈنى ئالدىراپ- تېنەپ ماڭىدىغان كوچىلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، سىز خوتەن 2- كوچىسىنىڭ يول ئېغىزىدا تۇرغىنىڭىزدا، خۇددى مەززىلىك تائاملار دۇنياسىغا تۇتىشىدىغان دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ قالغاندەك بولىسىز، بۇ يەردە بىر مەيدان تەم سەزگۈسى كاتتا زىياپىتى سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان لولىگو سىياھ بېلىقى كاۋىپى، ياغدا پىشۇرۇلغان ھەرخىل كاۋاپ، سېسىق دۇفۇ ۋە سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق كۇمىلىچى بۇ يەردە يوق... بۇ يېمەكلىكلەر خوتەن 2- كوچىسىنىڭ خاسلىقىغا تەۋە ئەمەس، بۇ يەردە پەقەت شىنجاڭغا خاس مەززىلىك تائاملارلا بار.
خوتەن 2- كوچىسىدا كېتىۋېتىپ بىر قىزىقارلىق ھادىسىنى بايقىدىم، قولىغا سامسا ئېلىۋالغان نۇرغۇن يولۇچى بىر تەرەپتىن سەيلە قىلغاچ بىر تەرەپتىن سامسىنى مەززە قىلىپ يەۋاتاتتى. ئاشۇ ئىسسىق سامسا مەززىلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كىشى قەلبىگە ئارامبەخش تۇيغۇ بەخش ئېتەتتى.
پەرمۇدە ئېنىقكى، بۇ كوچىدىكى چولپان يېمەكلىك. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، مەيلى ھاۋا ئوچۇق ياكى يامغۇرلۇق كۈنلەردە بولسۇن، دۇكان ئالدىدا خېرىدارلار ھەمىشە ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەززىلىك تەم ئۈچۈن كىشىلەر رازىمەنلىك بىلەن كۈتىدۇ. ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقانلار ئارىسىدا جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ، شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلىكلەرمۇ بار. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ كىچىككىنە پەرمۇدىگە مەپتۇن بولۇپ، خالتىغا سېلىۋېلىپ ماڭغاچ يەيدۇ ياكى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.
تاماق ۋاقتىدا، نۇرىمان ئەنجۈر پولۇسى تېز تاماقخانىسىدا ھەمىشە بوش ئورۇن قالمايدۇ، بۇ ئاشخانىغا كىرىشىڭىز بىلەن تەڭ، ئوخشىغان پولۇنىڭ مەززىلىك ھىدى دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ. بۇ 30 يىللىق دۇكان ئالدىنقى 17 يىلدا قەشقەردە ئېچىلغانىدى، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى خوتەن كوچىسىدا ئېچىلىۋاتقىنىغىمۇ 13 يىل بولدى.
شىئەندىن كەلگەن ساياھەتچى خۇ شياۋۋېن مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىدىغانلىقىمنى بىلىپ، خوتەن 2- كوچىسىغا كېلىپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ بېقىشىمنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلدى. بۇ بىرنەچچە كۈندە مەن بۇ كوچىدا شىنجاڭنىڭ ئاۋاتلىقىنى ھېس قىلدىم، بەزى ئالاھىدە پېچىنە- پىرەنىكلەرنى ئائىلەمدىكىلەر، دوستلىرىمنىڭ ئېغىز تېگىشى ئۈچۈن سېتىۋالدىم».
بۈگۈنكى كۈندىكى خوتەن 2- كوچىسى مەززىلىك تائاملار دۇنياسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى توپلانغان جاي. توي ئۆرپ- ئادىتى كۆرگەزمىسى سەييارە ساياھىتى، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مەدەنىيەت كەچلىك بازىرى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەر بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بېرىپ يوقلىما قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.
ناخشىچى جاڭ خەنيۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە، خوتەن 2- كوچىسىغا باردى؛ ئارتىس لى شيەن سۈرەتكە ئالغان «شىنجاڭ كەچلىك بازىرىدا سەيلە قىلىش، غىزالىنىش ساياھىتى» فىلىمىدە، ئۇنىڭ خوتەن 2- كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا بەخىرامان ئايلىنىپ يۈرگەن، غىزالانغان كۆرۈنۈشى خاتىرىلەندى.
خوتەن 2- كوچىسىدىن ئىبارەت قاينام- تاشقىنلىققا تولغان بۇ كونا كوچا ئۇزاق يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، دەۋر تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولغان. ئۇ يېپيېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە قىياپىتى بىلەن بۇ شەھەرنىڭ قالتىس ھېكايىلىرىنى داۋاملىق يېزىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۆزگىچە ھەم يارقىن مەنزىرىگە ئايلىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلماقتا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتماقتا. بۇ يەردە سىز ئەڭ ھەقىقىي مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيسىز، جاھاندىكى ئەڭ قويۇق قاينام- تاشقىنلىقنى كۆرەلەيسىز، ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ جانلىق قىياپىتىنى ھېس قىلالايسىز.
خوتەن 2- كوچىسىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قۇرۇق مېۋىلەر ئۆتكەن-كەچكەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. (لېي تىڭ فوتوسى)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى