تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىز تيەنپىڭ 3-نومۇرلۇق A-02 سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

   بېيجىڭ ۋاقتى 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 6-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، تيەنپىڭ 3-نومۇرلۇق A-02 سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى يەر يۈزىدىكى رادار ئۈسكۈنىلىرىگە توغرىلىنىش ۋە RCS ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يەر يۈزىدىكى ئوپتىكا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىنىقى ۋە تۆۋەن ئوربىتىلىق بوشلۇق مۇھىتىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، كۆزىتىش سىنىقىنى قوللاپ، ئاتموسفېرا بوشلۇقى مۇھىتىنى ئۆلچەش ۋە ئوربىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مودېلىنى تۈزىتىشكە مۇلازىمەت قىلىدۇ.  

   بۇ قېتىمقى ۋەزىپە چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ 568-قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

(باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ياڭ خۇڭياڭ، ساۋ يى، ليۇ شىنرۇي، لى چېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.