□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى قۇمئېغىل كەنتىدە، جېلىل ئابلا ئائىلىسىدىكىلەر «تيەنئەنمېن» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان دېكىراتسىيەلىك پەردە ئالدىدا بىر پارچە ئائىلىۋى ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى.
سۈرەتتە، جېلىل ئوتتۇرىدا، ئىككى تەرىپىدە چوڭ قىزى بىلەن ئوغۇل نەۋرىسى ۋە قىز نەۋرىسى تۇرغانىدى. ھەممەيلەن كامېراغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن بولۇپ، شوخلۇق بىلەن ئىككى بارمىقىنى «V» شەكلىدە چىقارغانىدى، كۆرۈنۈش ئىللىق ھەم سۆيۈملۈك تۇيغۇ بېرەتتى.
قولىدىكى سۈرەتكە قايتا - قايتا قاراپ، جېلىلنىڭ كۆزلىرىدە بەخت ۋە ئىپتىخارلىق جىلۋىلەندى: «بىز تېخى سۈرەتكە تولۇق چۈشەلمىدۇق، مېنىڭ تۆت قىزىم، 13 نەۋرەم، ئۈچ ئەۋرەم بار».
جېلىلنىڭ يۇرتى ئاۋات يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، يېرى ئۈنۈمسىز، كىلىماتى قۇرغاق بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى تەبىئىي مۇھىتنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن تۇرمۇشى نامرات ئىدى.
1979 - يىلى 25 ياشلىق جېلىل يۇرتدىشى بىلەن بىللە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجوۋ شەھىرىگە باردى. «ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يېزىمىزدىمۇ سىرتقا چىقىپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردە قۇرۇق يەل - يېمىش ساتىدىغانلار بار ئىدى، مېنىڭمۇ سىناپ باققۇم كەلدى، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم، چىلانلارنى ئېلىپ يولغا چىقتىم. دەسلەپتە بارغاندا تىل بىلمىگەچكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا پەقەت ئىككى قولۇم بىلەن ئىشارەت قىلىشقا تاياندىم. مەن دائىم بىر سىقىم قۇرۇق ئۈزۈمنى ئاپتاپقا تۇتۇپ تۇرۇپ، <بالدەك تاتلىق> دەيتتىم، ئاندىن خېرىدارلارنىڭ تېتىپ بېقىشىغا بېرەتتىم.» شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ قۇرۇق ئۈزۈم، چىلان قاتارلىق قۇرۇق يەل - يېمىشلەرنى يۈدۈپ يۈرۈپ، فۇجيەن، جياڭسۇدىكى توپ سېتىش بازارلىرىدا سېتىپ، بىر يىلدا تۆت - بەش ئاي شىنجاڭنىڭ سىرتىدا ئالدىراش بولدى.
«پۇل تاپالىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى مۇخبىر.
«ئۇ چاغدا، قوي گۆشىنىڭ بىر كىلوگىرامى سەككىز يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، بىز ئايدا 1000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايتتۇق» دەپ جاۋاب بەردى جېلىل مەغرۇر ھالدا.
2000 - يىلىنىڭ باشلىرىدا، جېلىل گۇاڭجوۋغا بېرىپ كاۋاپ يايمىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى. تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ، سودىسى بارغانسېرى روناق تاپتى. فۇجيەن، جياڭسۇ، شاڭخەي، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ ... شىنجاڭ سىرتىدا تىجارەت قىلىپ كۈن كەچۈرۈۋاتقان ئاشۇ يىللاردا، جېلىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى 17 ئۆلكىدە قەدەم ئىزلىرىنى قالدۇردى. 2017 - يىلى 63 ياشلىق جېلىل گۇاڭجوۋدىكى تىجارىتىنى ئىككى قىزىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇزاق يىل ئالدىراشلىقتا ئۆتكەن تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى.
«ھازىر بىر كاۋاپ يايمىسىنى ئىككى قىزىڭىز ئاچامدۇ؟»
جېلىل كۈلۈپ تۇرۇپ تۈزىتىش بېرىپ مۇنداق دېدى: «كاۋاپخانا ئاچىدۇ، بىر قىزىم بىردىن كاۋاپخانا ئاچىدۇ، ھەربىر كاۋاپخانىدىن ئايدا 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە پۇل تاپالايدۇ.» ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن قىزلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى چىقىپ تۇراتتى.
جېلىل 33 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى، شۇنداقلا كەنت تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى. «كىچىك ۋاقتىمدا تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، كىشىلەرنىڭ قورسىقى تويمايتتى، كىيىمى پۈتۈن ئەمەس ئىدى، تۇرىدىغان ئۆيلىرىمۇ بەك كونا ئىدى. مانا ھازىرغا نەزەر سالساق، بىز ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، يەيدىغىنىمىز، كىيىدىغىنىمىز ياخشى، بالىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار، پۇل تاپالايدۇ. خوتۇنۇم ئىككىمىزنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىمىز ۋە <تۆت پېشقەدەم>لەر تۇرمۇش ياردەم پۇلىمىز بار، ئائىلىمىزنىڭ يەنە 5.8 مو يېرىمىز، ئون نەچچە قويىمىز، يەنە توخۇ، كەپتىرىمىز بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز، بىزنى خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى» دېدى جېلىل ھاياجانلانغان ھالدا.
بۈگۈنكى كۈندە، جېلىل ھەر كۈنى دېگۈدەك كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ ئايلىنىپ، كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىدۇ. «بەزىدە كەنتتە بىر قارارغا كېلەلمىگۈدەك ئىش بولسا، ئۇلار يەنە مەندىن مەسلىھەت سورايدۇ!» دېدى جېلىل خۇشال ھالدا.