ئالتاي تېغىدىكى يىغىلغان قارلار ئېرىپ، دەريا ۋادىسىدىكى ياۋا گۈللەر ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە، پەسىل قۇشلىرى ئالدى بىلەن باھارنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، بۇ دەل كۆز ئالدىمىزدا گۈزەل مەنزىرىلەر نامايان بولىدىغان، قۇش تاماشاسى قىلىدىغان ياخشى پەيت!
ئالتاي ۋىلايىتى ياۋايى قۇشلارنىڭ كۆچۈشىدىكى مۇھىم قۇرۇقلۇق يولى ۋە ماكانلىشىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەت بويىچە قۇش تاماشاسى قىلىدىغان داڭلىق رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا نۇرغۇن «قۇش ھەۋەسكارى»نىڭ كۆڭلىدىكىدەك جايى.

ھەر يىلى 4-ئايدا، پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە توختاپ ئارام ئالىدۇ، ئوزۇقلىنىدۇ، بۇ جايدا ياشايدىغان قۇشلارمۇ جورا ئىزدەپ ئۇۋا ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئالتايدا كۆپ خىل ئەتىۋارلىق قۇش تۈرلىرىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ، كەسپىي ئۈسكۈنە ئىشلىتىش ھاجەتسىز، بېشىمىزنى كۆتۈرسەكلا قۇشلارنىڭ قانات قېقىپ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقىنىنى، بېشىمىزنى تۆۋەن سالساقلا قۇشلارنىڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ يۈزىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرەلەيمىز.
قۇشلارنى تاماشا قىلىش پەسلى: 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 9-ئاينىڭ باشلىرىدىن 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە.
ئۇلۇڭگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى
قارنا، قىزىل ئۆردەك، يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك قاتارلىقلار

باھاردا بۇ يەردە سۇ قۇشلىرىنى تاماشا قىلىشقا بولىدۇ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى قۇشلارنى تاماشا قىلىدىغان يادرولۇق جاي دەل ئۇلۇڭگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدۇر.
ئۇلۇڭگۇر كۆلى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى، سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ، سۇلۇق يەر نىسبىتى %86.97كە يېتىدۇ، قۇشلارنىڭ كۆچۈش سەپىرىدە ئارام ئالىدىغان ۋە ماكانلىشىپ كۆپىيىدىغان ھاياتلىق ماكانىدۇر.
ئەتىياز پەسلىدە كۆل بويىدا گۈللەر ئېچىلىدۇ، قۇشلارنىڭ كۆچۈش پەسلىدە، قايتقان پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە ئارام ئېلىپ يىغىلىدۇ، قۇشلار ئەڭ كۆپ يىغىلغاندا سانى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ.
ئاساسلىقى قارنا، قىزىل ئۆردەك، يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك قاتارلىقلار بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قارا لەيلەك، كىچىك دوغداق، چىپار دوغداق، ئالا قۇيرۇق بۈركۈت، قىزىل لاچىن، قارا قورساق چىل، چوڭ ئاق قۇ، سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ، ئاق قۇيرۇق جاغالماي، قارا بۈركۈت قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 1-، 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇش تۈرلىرى بار.

ئادرېسى: ئۇلۇڭگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى
كىرىش بېلىتى: ھەقسىز
تەۋسىيە قىلىدىغان قۇش تاماشا قىلىش ئورنى: ئۇلۇڭگۇر كۆلى قۇش ئارىلى
تاڭباخۇ مەنزىرە رايونى
سېرىق ياۋا غاز، چىپار ياۋا غاز، تۇرنا قاتارلىقلار

تاڭباخۇ مەنزىرە رايونىدىكى كۆل تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، سۈيى ناھايىتى سۈزۈك، ھەر يىلى قار-مۇزلار ئېرىگەندە، پەسىل قۇشلىرى توپ-توپ بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ.
بۇ يەردە سېرىق ياۋا غاز، چىپار ياۋا غاز، تۇرنا، ئاق قۇ، چايكا قاتارلىق كۆپ خىل قۇشلار بار، كۆل سۈيىدە بېلىق تۈرلىرى كۆپ، ئاساسلىقى سازان بېلىق، لاققا بېلىق قاتارلىقلار بار، تاڭباخۇ مەنزىرە رايونىغا بارسىڭىز گۈزەل كۆل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا، يەنە سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلالايسىز، بۇ يەر ۋېلىسىپىت مىنىش، قۇش تاماشا قىلىش، كۆل بويىدا سەيلە-ساياھەت قىلىش، بېلىق زىياپىتىگە ئېغىز تېگىشكە ماس كېلىدۇ.

ئادرېسى: تاڭباخۇ مەنزىرە رايونى
كىرىش بېلىتى: بىر ئادەمگە 20 يۈەن
تەۋسىيە قىلىنىدىغان قۇش تاماشا قىلىش نۇقتىسى: كۆل بويى، كەچكى شەپەق ۋاقتى
ئاقچى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى
ئاق قۇ، شال،قومۇشلۇق جاغجىقى، چىپار دوغداق قاتارلىقلار

ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قابا ناھىيەسىدىكى ئاقچى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى زور بىر تۈركۈم ياۋايى قۇشلارنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار بۇ يەردە ئوزۇق ئىزدەپ، سۇدا ئويناپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت، بارلىق شەيئىلەر ئۆزئارا ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.
ياغاچ ئاسما يولدا پىيادە مېڭىپ، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا كەلسىڭىز، سۇ يۈزىدە ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارنىڭ شولىسىنى كۆرەلەيسىز، كەچكى شەپەق نۇرىدا قەدىمىڭىزنى تەدرىجىي ئاستىلاتسىڭىز، سايىڭىزنىڭ تەدرىجى ئۇزىراۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. مۇشۇ پەيتتە سەپەردىكى ھېرىش-چارچاشلىرىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنىڭ بىردىنلا يوقاپ ئەتراپنىڭ جىمىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

ئادرېسى: قابا ناھىيەسىنىڭ غەربىگە تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان كۆلباي بازىرى تەۋەسىدە
كىرىش بېلىتى: بىر ئادەمگە 20 يۈەن
تەۋسىيە قىلىدىغان قۇش تاماشا قىلىش نۇقتىسى: مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى، ياغاچ ئاسما يول
ئالتاي شەھىرى خۇالىن باغچىسى
ياۋروپا تۇردۇس قۇشى، بۇشى قومۇشلۇق تورغىيى، چىپار سوپىياڭ قاتارلىقلار

ئالتاي شەھىرى خۇالىن باغچىسى تەبىئىي قېيىن دەرىخىنى ئاساسىي مەنزىرە قىلىپ قۇرۇلغان باغ ئورمان باغچىسى بولۇپ، باغچىدا ئۆسۈملۈكلەر مول بولۇپ، تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر خەزىنىسى، شۇنداقلا تەبىئىي جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيى ھېسابلىنىدۇ.
شەرقتە قىران دەرياسىنىڭ سۈيى باغچىنى يانداپ ئاقىدۇ، غەربتە قىران دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان خۇالىن دەرياسى ئەگرى-بۈگرى ئاقىدۇ، قۇشلار بىرقەدەر كۆپ.
بېرىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە ساياھەت قىلىشنى خۇددى سېھىرلىك قۇتىنى ئاچقانغا ئوخشىتىدۇ، كىشىلەر ھەر قېتىم بارغاندا ئوخشاش بولمىغان قۇش تۈرلىرىنى بايقايدۇ، بۇ يەردە قۇش ئەۋرىشكىسى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغان قۇشلار توغرىسىدا پەن ئومۇملاشتۇرۇلغان.
ئادرېسى: ئالتاي شەھىرى خۇالىن باغچىسى
كىرىش بېلىتى: ھەقسىز
تەۋسىيە قىلىدىغان قۇش تاماشا قىلىش نۇقتىسى: ئاق قېيىن دەرىخى ئاستى، قىرغاق
ئادەتتە، پەسىل قۇشلىرى كۆچكەندە ئۆتىدىغان جايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېكولوگىيە-مۇھىتى ياخشى جايلار بولۇپ، بەزىلىرىدە ئورمان بۈك-باراقسان ئۆسكەن، بەزىلىرىدە سۇ، ئوتلار مول، يەنە بەزىلىرىدە بېلىق، راكلار كۆپ، ھالبۇكى، سۇلۇق يەرلەر قۇشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.
ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى، ئالتايدىكى قۇش تاماشا قىلىدىغان بۇ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بارالمىسىڭىزمۇ، ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەرلەرگە بېرىپ، قۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى جىمجىت كۈتۈشمۇ ياخشى تاللاشتۇر.
چەكسىز باھار نۇرىدا، ھەممىمىز بىرلىكتە ئىزدىنەيلى!
قۇش تاماشا قىلىش ئەسكەرتمىسى:
1. كىيىنىش تەكلىپى: ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ، كۈل رەڭ، قارا رەڭ، كۆك رەڭ، يېشىل رەڭلىك كىيىملەرنى ياكى مىسەيفۇنى تاللاپ كىيىڭ.
2. ئېلىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان جابدۇقلار تىزىملىكى: تېلېسكوپ، ئۇزۇن فوكۇسلۇق فوتو ئاپپارات، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى، ئىسسىق ساقلايدىغان كىيىملەر (ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ).
3. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: جىمجىتلىقنى ساقلاپ، قۇشلارنى چۆچۈتۈۋەتمەڭ؛ قۇش تۇخۇمىغا چېقىلماڭ ياكى ياۋا قۇشلارنى تۇتماڭ؛ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ، سۇ بويىدىن يىراق تۇرۇڭ.
تەۋسىيە قىلىدىغان مەززىلىك تائاملار:
ئالتايدا ئۆزگىچە سوغۇق سۇ بېلىقى، پولۇ، كاۋاپ بار، قۇشلارنى تاماشا قىلغاندىن باشقا، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشنى ئۇنتۇماڭ.
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى