4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) «ھورى چىقىپ تۇرغان ئىسسىق پولۇ كەلدى...» 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئورتاق يۇغۇرۇلۇش مىڭ ئائىلىلىك زىياپەت قوشنىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى» قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتى تەۋەلىكتىكى 1200دىن ئارتۇق كىشىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
«بۇ قىزىل تورتنى تېتىپ بېقىڭ، ئۆزۈم پىشۇردۇم، تاتلىق ھەم كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ.» تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئايشەم ئابدۇللا ئۆزى پىشۇرغان پېچىنە-پىرەنىكلەرنى ئېلىپ، يېنىدا ئولتۇرغان قوشنىلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى.
«بەك ئوخشاپتۇ، ئۇستىكەنسىز.» «كىچىك بالىلار تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، نەۋرەمگە يەنە بىر پارچە بېرىڭە.» «تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېسەم بولمايتتى، ئۆزۈمنى تۇتالماي بىر چىشلەم يېدىم.» تورتنى تېتىغان قوشنىلار بەس-بەستە شۇنداق دېيىشتى.
تىك قۇدۇق شىمالىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لېي لىجېن نەۋرىسىگە تاماق يېگۈزگەچ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ ئۈستەلدە بىللە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈنكى، ئاستىنقى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان قوشنىلار، مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى. مەھەللە بىزنى تەكلىپ قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كەلدى، قاراڭ، ياندىكى چوڭ ئاچىمىز 81 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بىزگە ئوخشاش خۇشاللىق بىلەن پائالىيەتكە قاتناشتى».

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىم تۈرلۈك مەززىلىك تائاملارنى تىزماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
چىڭقى چۈشتە قۇياش ئىللىق نۇرىنى چاچقان بولۇپ، تەۋەلىكتىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، سودىگەرلەر، ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسىدىكى 10 مەھەللىدىن كەلگەن ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەززىلىك تائاملارغا بىرلىكتە ئېغىز تەگدى. كۆپچىلىك ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، نومۇرلارنى كۆردى.
خۇاڭشەن يىپىن چوۋجۆيۈ بېلىقى لى خۇڭجاڭ ياڭشېڭخۇي ئاشخانىسىنىڭ باش ئاشپىزى لى بىڭبىڭ ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ پىشۇرغان چوۋجۆيۈ بېلىقىنى مەركىزىي كۆرگەزمە رايونىغا تىزىپ قويۇپ، باشقا ئاھالىلەر ۋە تەۋەلىكتىكى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى تەييارلىغان مەززىلىك تائاملارنى ئىزدەشكە باشلىدى.
«شىنجاڭغا كەلگىنىمگە بىر يېرىم يىل بولدى، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. بىر ئاي بۇرۇنلا كوچا باشقارمىسىنىڭ قوشنىلار بايرىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئۆزۈم ئەتكەن مەززىلىك تائامغا ئېغىز تەگكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ شۇنچە كۆپ مەززىلىك تائاملىرىنىمۇ تېتىدىم، قانغۇچە يېدىم» دېدى لى بىڭبىڭ.

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسى يەنە چوڭ ئاشپەزلەرنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، سىرتقا تۆت چوڭ قازان ئېسىپ، نەق مەيداندا ئاھالىلەرگە پولۇ ئېتىپ بەردى. تاماق پىشتى، ئىسسىق پولونىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپنى بىر ئالدى، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى مۇلازىمغا ئايلىنىپ، تەخسە-تەخسە پولولارنى ئۈستەللەرگە ئېلىپ چىقتى.
نەق مەيداندا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرى بولۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن نازۇ-نېمەتلەر بار بولۇپ، ئاھالىلەر نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىز تېگىش بىلەن بىللە، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى.
مەھەللە يەنە تەۋەلىكتىكى سودىگەرلەر ۋە ئاھالىلەرنى ئېسىل تائاملارنى تەييارلاشقا تەكلىپ قىلىپ، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان قورۇمىلارنى باھالاپ چىقتى.

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاھالىلەر مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاچ، ئېسىل نومۇرلارغا ئالقىش ياڭراتماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ داۋرېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەززىلىك تائاملار ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە قوشنىلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاھالىلەر پائالىيەت جەريانىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە مەززىلىك تائاملار ئارقىلىق مەھەللىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى.