«مېنىڭ ئاپتوموبىلىم يېڭى ئىدى، رېمونت ھەققىنى تۆلەپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىلىمنىڭ ئۇپراش ھەققىنىمۇ تۆلەيسەن». 2ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى نىلقا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا، دەۋاگەر ماX جاۋابكار سۇنXكە مۇشۇنداق دەپ قاقشاپ كەتتى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى، سۇنX ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن ماXنىڭ ئاپتوموبىلىنى سوقۇۋەتكەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئاپتوموبىلى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. قاتناش ساقچى تارمىقى سۇنX بۇ قېتىمقى ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ماXنىڭ ھادىسىدە جاۋابكارلىقى يوق دەپ بېكىتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلنىڭ رېمونت ھەققىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ماX ئاپتوموبىلىم يېڭى ئاپتوموبىل ئىدى، سوقۇلغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلىم ئۇپراپ زىيان بولدى، شۇڭا سۇنX ماڭا يەنە 36 مىڭ يۈەن ئۇپراش ھەققى تۆلەپ بېرىشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپ مۇرەسسەدە كېلىشەلمەي، 1-ئاينىڭ 20 -كۈنى ماX سۇنX ئۈستىدىن نىلقا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان.
سوتتا، سۇنX ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق دېگەن: سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا توختامى بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇپراش ھەققىگە كەلسەك، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈك زىيىنى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ماX جەزمەن بۇ قاتناش ھادىسىسىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارى ۋە بىخەتەرلىكىدە نۇقسان بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، بولمىسا مەن ئۇپراش ھەققىنى ئۈستۈمگە ئالمايمەن.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، ماXنىڭ تەلىپىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ دەپ قاراپ، ما ×نىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.
سودىيەنىڭ قانۇن چۈشەندۈرۈشى
موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسىدە كېلىپ چىققان زىيان توغرىسىدا، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 12-ماددىسىدا، يول قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن تۆۋەندىكىدەك مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقسا، دەۋالاشقۇچىلار ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك: (1) بۇزۇلغان ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىشقا كەتكەن خىراجەت، ئاپتوموبىلغا بېسىلغان بۇيۇملارنىڭ زىيىنى، ئاپتوموبىلنى سۆرىتىش خىراجىتى؛ (2) ئاپتوموبىل يىتۈپ كېتىش ياكى رېمونت قىلغىلى بولماسلىق سەۋەبىدىن، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە بۇزۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ قىممىتىگە تەڭ كېلىدىغان ئاپتوموبىلنى قايتا سېتىۋېلىش خىراجىتى؛ (3) قانۇن بويىچە يۈك تىرانسپورتى، يولۇچى تىرانسپورتى قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىللار، مۇناسىپ تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنالماي كېلىپ چىققان مۇۋاپىق قاتناشتىن توختاش زىيىنى؛ (4) تىجارەت خاراكتېرلىك بولمىغان ئاپتوموبىللارنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئادەتتىكى سەپلىمە قاتناش ۋاسىتىلىرىگە كېتىدىغان مۇۋاپىق خىراجەت. بۇ دېلودا ماX تەشەببۇس قىلغان دېلوغا چېتىشلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئۇپراش زىيىنى يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈك زىيىنى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ