4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن ئامما ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) چىڭمىڭدا ئىنقىلابىي قۇربانلار ياد ئېتىلىپ، قان تومۇر داۋاملاشتۇرۇلۇپ، چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت ئىپادىلىنىدۇ. چىڭمىڭ بايرىمى ئۇرۇق-تۇغقانلارنى ياد ئېتىدىغان، تەزىيە بىلدۈرۈپ قەبرە سۈپۈرىدىغان ئەنئەنىۋى بايرام. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەر دەرىجىلىك ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، خەلق ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ھەر مىللەت ئاھالىلەر قاتارلىقلار تۈرلۈك شەكىلدە چىڭمىڭلىق قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، مىللەت روھىنى ئەۋج ئالدۇردى. كىشىلەر ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، دۆلەت شېئىرى ئېيتىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى.

4 -ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت ئامما، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا چىڭمىڭلىق قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت ئامما، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا چىڭمىڭلىق قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندىلا، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسىدىن نەچچە مىڭ كىشى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ قەبرە سۈپۈردى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرە تېشىنى كۆڭۈل قويۇپ سۈرتتى، بەزىلىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، قەھرىمانلارنى ئەسلىدى. ئىنقىلابىي قۇربانلار ئابىدىسىنىڭ ئالدى گۈلدەستە ۋە گۈلچەمبىرەكلەر بىلەن لىق تولۇپ، چوڭقۇر سېغىنىش ئىپادىلەندى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى.
«چىڭمىڭنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قەبرە سۈپۈرۈش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، باغچە رايونى دەم ئالماي ئۇدا كۈتۈۋېلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنىڭ قەبرە سۈپۈرۈش ھەم ئېھتىرام بىلدۈرۈشىگە مۇلازىمەت قىلدى». ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق تونۇشتۇردى: قەبرىستانلىق شەھەر ئاھالىلىرى ۋە قەبرە سۈپۈرىدىغانلارغا توردا قەبرە سۈپۈرۈش قاتارلىق تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق قەبرە سۈپۈرۈش مۇلازىمىتى قىلدى.

4 -ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت ئامما، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا چىڭمىڭلىق قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن ئامما ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى قارلىغاچلىق مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ، چياۋ گوجېن، ۋۇ ماۋلىن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 1956-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ياسىغان، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە بازىسى ھېسابلىنىدۇ.