تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2025-يىللىق 1-پەسىللىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن ئۈچ كىشى تىزىملىككە كىردى

    قانۇنچىللىق گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى بېيجىڭدا 2025-يىللىق 1-پەسىللىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. توردىكى كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ۋە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ تەۋسىيە پىكرىگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسال باھالىنىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن جەمئىي 56 ئەزىمەت شەرەپ بىلەن تىزىملىككە كىرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن ئۈچ كىشى بار.

    تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن ئۈچ كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قابا ناھىيەسى ئاقچى بازىرى دېموكراتىيە ئوتتۇرا يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرى پارىزات بورلېس، مۇنىرا نۇرلان ۋە بۇ مەھەللىنىڭ خىزمەتچى خادىمى قۇمۇسئاي ئازات بولۇپ، ھەممىسى «90-يىللاردا تۇغۇلغان»لار ئىكەن.

پارىزات بورلېس (ئوتتۇرىدا)، مۇنىرا نۇرلان (سولدا)، قۇمۇسئاي ئازات (ئوڭدا) بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

 شىنجاڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىنغان سۈرەت

   بۇ يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، پارىزات بورلېس، مۇنىرا نۇرلان، قۇمۇسئاي ئازات ئۈچەيلەن تەۋەلىكتىكى خۇييۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قىلغان. قۇمۇسئاي ئازات كۈزىتىپ تەكشۈرۈپ 1-بىنا 1-ئىشىككە كەلگەندە، تۇيۇقسىز 101-نومۇرلۇق ئۆيدىن بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلانغان، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئىشىك يوچۇقىدىن قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. ئۇ شۇ ھامان ئۆي ئىچىدە ئوت كەتكەنلىكىنى، ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

   قۇمۇسئاي ئازات قاتارلىق ئۈچەيلەن تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر تەرەپتىن كارىدورنىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىپ، قويۇق ئىس-تۈتەكلەرنى تارقاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن مەھەللىگە ئەھۋالنى دوكلات قىلغان ھەم 119غا تېلېفون قىلىپ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن كونكرېت ئادرېس ھەم ئوت ئەھۋالنى ئۇقتۇرغان.

   بۇ چاغدا، قويۇق ئىس-تۈتەك پۈتۈن كارىدورنى قاپلىغان. خۇييۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 1-نومۇرلۇق بىنا ئاۋات بازارنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، كوچا ياقىسىغا يېقىن، كارىدورى تار بولۇپلا قالماي، ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار ئىدى، ناۋادا ئوت يامراپ كەتسە، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.

   ئۈچەيلەن قىلچە بەل قويۇۋەتمىگەن، پارىزات بورلېس دەرھال ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆيىگە ئوت كەتكەنلىكىنى، ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى ئۇقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچەيلەن بىر تەرەپتىن ئۆيدىكى بالىلارغا گەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغان، يەنە بىر تەرەپتىن بىرلىكتە كۈچەپ ئىشىكنى تارتىپ ئاچقان.

   ئۈچەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقدا ئىشىك ئاخىرى ئېچىلغان، ئۆي ئىچىنى قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلىغان بولۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلار ئىشىكتىن كىرىپلا، يۈز-كۆزى قاپقارا بولۇپ كەتكەن بىر بالىنىڭ بۇرنىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، مۇنىرا نۇرلان قىلچە ئىككىلەنمەي، دەرھال بۇ بالىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇنى خەتەرلىك مۇھىتتىن قۇتۇلدۇرغان. لېكىن يەنە بىر بالا يىغلاپ توختىمىغان، پارىزات بورلىس ئۆيدىكى قاپقارا ئىس-تۈتەككە قارىماي، بالىنىڭ يىغا ئاۋازى بويىچە، ئۆي ئىچىگە قاراپ تەستە ئىلگىرىلىگەن. ئاخىرى ئۇ يىغا ئاۋازى بويىچە يەنە بىر بالىنى تېپىپ، ئۇنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە تېزلىكتە ئۆيدىن يېنىپ چىققان.

   شىنجاڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشكېزەك ئوغلى توكلۇق شامالدۇرغۇچ ئويناپ، يوتقان-كۆرپىلەرگە ئوت تۇتىشىپ كېتىپ، ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققانلىقى ئېنىقلانغان. ۋاقتىدا قۇتقۇزغان ۋە ياردەم بەرگەن بولغاچقا، تېخىمۇ يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغان. ئىككى بالا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن سالامەتلىكى بىردەك ئەسلىگە كەلگەن.

    2-ئايدا، پارىزات بورلېس، مۇنىرا نۇرلان، قۇمۇسئاي ئازاتلارنىڭ خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى دەپ بېكىتىلگەن.

   ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەرنى پەسىللىك باھالاش پائالىيىتىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭخۇا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. 2022-يىلى 9-ئايدىن بۇيان، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكى 10 قېتىم ئېلان قىلىنىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن جەمئىي 538 ئەزىمەت تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ مۇكاپاتلانغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.