2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى (6-ئاينىڭ 7-كۈنى)غا
تەتۈر ساناق ۋاقتى بويىچە 66 كۈن قالدى
شىنجاڭدىكى ھەربىر مەكتەپنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقى بار، بەزى مەكتەپلەر ئەتراپىدا 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بار بولۇپ، ئىشىكتىن چىقىپلا ئايلانغىلى بولىدۇ، بەزى مەكتەپلەردە قەدەمدە بىر «دىلرابا» «گۈلنەزەر»نى ئۇچرىتالايسىز. چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرسە، چۈشتىن كېيىنلا مەنزىرە رايونىدا ئەركىن ئوينىيالايسىز، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە بارالايسىز، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى %99.9 داشۆ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئارزۇسى، بۇنىڭغا كىم قىزىقمايدۇ!

رەسىم مەنبەسى: 鹏大大@
شىنجاڭغا كېلىپ، گۈل دېڭىزىنى كۆرۈڭ

4-ئايدا ئۆرۈك چېچەكلەپ باھارنىڭ نەپىسلىكىنى نامايان قىلىدۇ
5-ئايدا كۈركۈمگۈل پورەكلەپ ئېچىلىپ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ
6-ئايدا ئۈستىقۇددۇس ئېچىلىپ شىنجاڭ سۆسۈن رەڭ لىباس كىيىدۇ
7-ئايدا قىچا چېچەكلەپ ئىستېرېئولۇقى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ
8-ئايدا ئاپتاپپەرەسلەر خۇددى گۈزەل ماي بوياق رەسىمىگە ئوخشايدۇ

شىنجاڭغا كېلىپ زۇمرەتتەك دولقۇنلاردىن ھۇزۇرلىنىڭ

سا بېينىڭ: سايرام كۆلىنى تەسۋىرلەپ «كەلمىگەن بولسىڭىز بىكار ياشاپسىز» دېگەنىدى
كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قاناس كۆلى
بىپايان ھەم گۈزەل باغراش كۆلى
بۇ جايلار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن گۈزەل


شىنجاڭغا كېلىپ، ئوتلاقلاردا يۈگۈرۈپ بېقىڭ

شىنجاڭدىكى ئوتلاقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار
ئىستېرېئولۇق بولغان، چەكسىز كەتكەن قاراجون
كۆز يەتكۈسىز ھەم رومانتىك بولغان نارات
ئاددىي ھەم جىمجىت كۆلدەنەڭ
توققۇز قۇياشنى كۆرگەندەك تەسىراتقا كېلىدىغان بايىنبۇلاق
بىر كۆرسىلا قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدۇ


شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەردىكى«ئەڭ»لەرنى ھېس قىلىڭ
دۇنيا بويىچە بىردىنبىر ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان سەككىز قىرلىق شەھەر-
تېكەس ناھىيەسىدىكى سەككىز قىرلىق شەھەر

دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى − تارىم دەرياسى
دۆلىتىمىز بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەبىئىي توغراقلىققا تارقالغان

دۆلىتىمىز بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى-
ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق-
تەكلىماكان قۇملۇقى

جۇڭگو بويىچە ئەڭ بۇرۇن قېزىپ ياسالغان تاش غار ئىبادەتخانىسى
قىزىل مىڭئۆي

دۆلىتىمىز بويىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن جاي
ئايدىڭكۆل

شىنجاڭغا كېلىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىڭ
مېۋە-چېۋە
پولو
چاۋمىفېن
لەڭمەن
توخو گۆشى قاتلىما دۈملىمىسى
چەينەك شورپىسى
ئاچچىق-چۈچۈك چۆچۈرە
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۈتۈۋېلىشقا ئاتلانغان بۇ مەزگىلدە، قېتىرقىنىپ ئوقۇش دېڭىزىغا چوڭقۇر شۇڭغۇپ سانسىز كېچە-كۈندۈزنى باشتىن كەچۈرىسىز، «غەيرەت قىلىڭ» دېگەن بۇ سۆزنى بەلكىم بەك كۆپ ئاڭلىدىڭىز، لېكىن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ مۇشۇ كۈنگە كەلگەن سىزگە شۇ دەقىقىدە ھەمراھ بولىدىغىنى يەنىلا «غەيرەك قىلىڭ» دېگەن سۆز بولۇشى مۇمكىن. سىز ئۇنى بەخت تىلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ، كەڭ قورساقلىق ۋە تەسەللى دەپ قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ، پەقەت سىزگە ئاز تولا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە جاسارەت بېغىشلىسىلا بولدى.
يەنە ئازراق غەيرەت قىلىڭ! بۇ دەقىقىدە سىز ئارزۇيىڭىزغا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتىڭىز. ھازىر پۈتۈن كۈچىڭىزنى چىقىرىپ تىرىشسىڭىز، كېيىن مۇشۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ تىلغا ئالغىنىڭىزدا ئىشىنىمىزكى سىز چوقۇم جاپالىق بولسىمۇ، سىزنى چەكسىز ھاياجانغا سالغان مۇشۇ كۈنلەرگە چەكسىز رەھمەت ئېيتىسىز.
قالغان 66 كۈندە، غەيرەت-شىجائىتىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، تەدرىجىي تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈڭ؛ خاسلىقىڭىزنى نامايان قىلىپ، ئۆزىڭىزگە تەۋە ياشلىق كۈيىنى ياڭرىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
قەلبىڭىزگە يۈكسەك ئىرادىنى پۈكۈپ، ياشلىق باھارىڭىزغا يۈز كەلگۈدەك تىرىشىڭ، تېخىمۇ پارلاق كىشىلىك ھايات سىزنى كۈتمەكتە!
قىسمەن سۈرەت مەنبەسى| 鹏大大 @大菊在路上 @万摄师@
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى