مۇخبىرنىڭ كۆپ ساندىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى تۆۋەنلەيدىكەن.
تەڭشەلگەندىن كېيىن، قۇرامىغا يەتكەن يولۇچىلاردىن دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى 800 كىلومېتىردىن ئاشقان ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە، ھەر بىر كىشىدىن 20 يۈەن ئېلىنىدىكەن؛ 800 كىلومېتىر ۋە ئۇنىڭدىن قىسقا ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە، ھەر بىر كىشىدىن 10 يۈەن ئېلىنىدىكەن. تەڭشىلىشتىن بۇرۇنقى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 يۈەن ۋە 10 يۈەن تۆۋەنلەيدىكەن.
بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت ئىچى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر ئادەتتىكى ئايروپىلان بېلىتىنى %50لىك باھا بويىچە سېتىۋالغان بالىلار (قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەمراھ بولمىغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ۋە خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىدىن يولۇچىلار تىرانسپورتى يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققىنى ئېلىش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدۇ: 800 كىلومېتىردىن ئاشقان ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە، ھەر بىر يولۇچىدىن 10 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ 800 كىلومېتىر ۋە ئۇنىڭدىن قىسقا ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە، ھەر بىر يولۇچىدىن ھەق ئېلىنمايدۇ .
نۆۋەتتە، «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىش تېخى يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىرمىدى، يولۇچىلار 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىن زاكاز قىلسا، يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقىش تەننەرخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.