□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
چۆچەك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيىدا، سازەندىلەر ئورۇنلىغان لەرزان مۇزىكا ئاۋازى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى، بەزىلىرى يەنە قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشتى؛ ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىدا، ساياھەتچىلەر تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى قىزىقىپ كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى؛ كۆكيار خاتىرە سارىيىدا، چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتەك ئېكولوگىيە مۆجىزىسى خاتىرىلەنگەن سۈرەت ۋە سىنلاردىن ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ئىگىلىدى... بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خاس مۇزېيلار ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، شەكلى ھەر خىل، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۆزگىچە تارىخ - ئادىمىيەت، تەبىئىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، قىزىل ئەسلىمە، مەدەنىيەت - سەنئەت كۆرگەزمىسى ساياھەتچىلەرنى ئارام ئېلىش مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت كاتتا تامىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇردى.
3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيى بالىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ مۇزېي ئالتاينىڭ مول ياۋا دورىلىق ئۆسۈملۈك بايلىقىغا تايىنىپ، نەچچە يۈز خىل جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئەۋرىشكىسى، ئەنئەنىۋى قازاق تېبابىتى دورا ئەسۋابلىرى ۋە ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرلىرىنى سىستېمىلىق كۆرگەزمە قىلدى. نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى. «كىچىك دوستلار دورا ماتېرىياللىرىنى پۇراپ پەرقلەندۈرۈشكە ناھايىتى قىزىقىدۇ، بۇ ھالقا ئارقىلىق بالىلار نۇرغۇن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئەستە تۇتۇۋالدى.» فۇكاڭلىق ساياھەتچى جېڭ شىن مۇنداق دېدى: بالام قەدىمكىلەرنىڭ دورا ماتېرىياللىرىغا قويغان ئىسمىنى يېقىملىق ئىكەن دەپ ماختىدى، شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى خەتلەرنى تونۇۋالدى.
بۇ مۇزېيدا تەسىس قىلىنغان ئەنئەنىۋى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى ساياھەتچىلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇردى.
باھار تۈسى تەدرىجىي قويۇقلىشىۋاتقان مەزگىلدە، چۆچەك ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيىدا ھەر كۈنى مۇزىكا ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، ھەممە يەردە ئاككوردىيون چالغۇچىلارنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى، يېقىملىق مۇزىكىدىن بەھرىلەنگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى. «كاتيۇشا» «چاي ئۈزۈپ كېپىنەك تۇتۇش» «گۈل ۋە ئۆسمۈر» «دولانا دەرىخى» ۋە «كارىنكا» قاتارلىق تونۇش مۇزىكىلار ساياھەتچىلەرنى ئەگىشىپ ئېيتىشقا جەلپ قىلدى، كەيپىيات ئەۋجىگە چىققاندا يەنە تەڭكەش قىلىپ تەپمە ئۇسسۇل، قارا جورغا، قەدەھ تۇتۇش ئۇسسۇلى، جەڭ قىلىچى ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئوينىدى.
كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان دەۋر، ئوخشاش بولمىغان پاسون، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئاككوردىيون ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. «بۇنداق كىچىك ئاككوردىيوننىمۇ چالغىلى بولىدىكەن» «بۇ ئاككوردىيوندىكى نەقىشلەر بەك نەپىس ئىكەن» «100 يىل ئىلگىرى چالغۇ ياساش ئۇستىسىنىڭ ھۈنىرى شۇنداق قالتىس ئىكەن» «بايان بىلەن ئاككوردىيون بەك ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، لېكىن يەنىلا ئىنچىكە پەرقلەر بار ئىكەن» «دادام ئاككوردىيوننى ياخشى چالغاچقا، ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋاپتىكەن»... چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كۆپچىلىك ئاككوردىيوننىڭ تارىخى، تەرەققىياتى، ئالاھىدىلىكى قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگىلىدى.
كۆكيار خاتىرە سارىيى قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۆمەكلىرىنى كۈتۈۋالدى، بەزىلىرى قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، بەزىلىرى كۆچەت تىكىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسىگە قاتناشتى، بەزىلىرى قۇم - بوراندىن مۇداپىئەلىنىدىغان تۈرلۈك دەل - دەرەخ ئەۋرىشكىلىرىنى تەتقىق قىلدى. «بىر تۈپ كۆچەتنىڭ بىلەكتەك توملۇقتا يوغىنىشىغا قانچە يىل كېتىدۇ؟» «قۇرۇپ كەتكەن توغراقنى سۇغارسا قايتا تىرىلەمدۇ؟» تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە قاتناشقان ساۋاقداشلار چۈشەندۈرگۈچىلەردىن ئارقا - ئارقىدىن سوئال سوراپ، ئەجدادلارنىڭ يېشىل مۆجىزە يارىتىش مۇساپىسىگە ناھايىتى قىزىقىپ قالدى.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈن قويۇلۇۋاتاتتى: بۇ يەردىكى ھەربىر چىمدىم تۇپراققا ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن ... ساياھەتچىلەر تولۇق سىگناللىق پىرويېكسىيە ئاپپاراتىدا قويۇلۇۋاتقان قۇم تىزگىنلەش كۆرۈنۈشى ئالدىدا چۆللۈك مۇنبەت ئېتىزغا، يېشىل دالىغا ئايلاندۇرۇلغان شانلىق يىللارغا قايتا نەزەر سېلىپ، «كۆكيار روھى»دىن تەسىرلەندى.
شىنجاڭ گېزىتى گېزىت تارىخى سارىيى، 100 يىللىق قەشقەر سارىيى، مايتاغ - كۇچا تاشيول مۇزېيى، بۇرماقان مولدۇ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش سارىيى، بۇغداي مۇزېيى، خوتەن قاشتېشى مۇزېيى، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خاس مۇزېي قۇرۇلۇشىنى سىجىل زورايتىپ، ھەرقايسى جايلارنى خاس مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، خاس مۇزېيلارنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم رولىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بەردى.
ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون خاس مۇزېيىدىن 62سى بار، ئۇلار چۆكۈش شەكلىدە كۆرگەزمە قىلىش، جانلىقلاشتۇرۇپ ھېس قىلدۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈپ نامايان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھېس قىلغىلى، قاتناشقىلى بولىدىغان ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر قاتلاملىق قۇۋۋەت قوشتى.