تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدا سەيلە قىلىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «بۈگۈن ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ شىمىگۇ باغچىسىغا باھار سەيلىسى قىلغىلى كەلدۇق، قارا قۇ، ياۋا ئۆردەكلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، قويۇق باھار ھىدىنى ھېس قىلدۇق» دېدى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى چېڭ لىشيا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدا بىر تەرەپتىن ئۈزۈپ يۈرگەن ياۋا ئۆردەكلەرگە يەم بەرگەچ.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ياۋا ئۆردەكلەر ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسى شۈيمو دەرياسىدا ئۈزۈپ يۈرمەكتە.
شۇ كۈنى روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، باھار شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتتى، تېمپېراتۇرىمۇ ئۆرلەپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردا سەيلە-ساياھەت قىلىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، كىچىك ھايۋانلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن بەھرىمەن بولدى.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا، خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدا كۈچۈككە سۇ بەرمەكتە.