تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوبراز بەلگىسى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوبراز بەلگىسىنى توپلاش پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوبراز بەلگىسى (سۈرەتتىكىدەك) رەسمىي ئېلان قىلىنغان.

2024 - يىلى 6 - ئايدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوبراز بەلگىسىنى توپلاش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كەڭ كۆلەمدە دىققەت قىلدى ھەم ئاكتىپ قاتناشتى، پائالىيەتكە قاتنىشىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان جەمئىي 309 ئەسەر توپلاندى. دەسلەپكى تاللاش، توردا بېلەت تاشلاش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق كۆپ ھالقىلار ئارقىلىق، ئاخىرىدا جياڭ جيەنجۈن لايىھەلىگەن ئەسەر شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوبراز بەلگىسى قىلىندى.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوبراز بەلگىسى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بەلگىسى بولۇپ، شەكىل، يېزىق، رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەم ئۇلارنى بىرىكتۈرۈش شەكلىدىكى بىر يۈرۈش بەلگە سىستېمىسى، ئىشلەتكەن چاغدا جەزمەن مۇكەممەل، دەل جايىدا، بىردەك، قېلىپلاشقان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا شىنجاڭ ئەركىن سودا - سىناق رايونىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى يارىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا - سىناق رايونىنىڭ ئالاھىدە جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى گەۋدىلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئەركىن سودا - سىناق رايونىدىكى ئاممىنىڭ بىلىش دەرىجىسى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.