تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«چېگرا رايون <چوڭقۇر يىلتىز تارتقان> ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە ئېھتىياجلىق»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چۇڭيەن

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سەھەردە، خوتەن ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خې لياڭجوۋ شىنجاڭ خوشاۋيۈن قوغۇشۇن - سىنك كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كان رايونىغا بېرىپ، كارخانىنىڭ قوغۇشۇن - سىنك كېنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ھەم شىنجاڭ كوئېنلۇن سىنك كەسپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

ھەر ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن ئاي ئاخىرىغىچە، خې لياڭجوۋ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ «تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويىدۇ.» ئۇ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەن ئۈچىنچى ئېيىدىن باشلاپ بۇ مېخانىزمنى ئورناتتى.

خې لياڭجوۋنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭ شىنجاڭلىق ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 1998 - يىلى، ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ خۇنەندىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلدى.

«مەن پارتىيە ئەزاسى، ئەڭ جاپالىق جايغا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىمەن» خىزمەت ئورنىغا تەقسىم قىلىدىغان چاغدا خې لياڭجوۋ مۇشۇنداق تەلەپ قىلدى.

خې لياڭجوۋ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ناھايىتى يىراق بولغان خوتەنگە تەقسىم قىلىندى. «ئەينى چاغدا ناھايىتى يىراق بولغان بۇ جاينى 200 كىلومېتىر كېلىدۇ دەپ قارىغانىدىم، خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىنىڭ 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، شىنجاڭنىڭ بىپايان ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم» دېدى خې لياڭجوۋ كۈلۈپ تۇرۇپ.

خوتەننىڭ ئەتىياز پەسلىدە چاڭ توزانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىغا ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى ۋە سۈيى ياقماسلىق قوشۇلۇپ، خې لياڭجوۋنىڭ گېلى كۆيۈشۈپ ئاغرىپ، لەڭمەننىمۇ تەستە يۈتەتتى، ئۇ بىر ھەپتىدىلا بەش جىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇنى شىنجاڭنىڭ كۆرۈشۈش سوۋغىسى دەپ بىلدىم، تاللىغان ئىكەنمەن، ئاسانلىقچە ۋاز كەچسەم بولمايدۇ».

مۇشۇ ئېتىقاد بىلەن، خې لياڭجوۋ كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە يىلتىز تارتىپ، ئىشنى مائارىپ سىستېمىسىدىن باشلىدى، كېيىن ئىقتىساد ساھەسىگە يۆتكەلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ كاتىباتلىق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەشكىلات قاتارلىق كۆپلىگەن ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىپ، مول تەجرىبە توپلىدى.

كۇنيۈ شەھىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، خې لياڭجوۋ تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇرغۇچى ھەم گۇۋاھچى بولۇپ، «چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش» مۆجىزىسىنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈردى. «ئەينى چاغدا، بىر يىلنىڭ ھەممىسىدە ئادەمسىز چۆل - جەزىرىدە چېدىر تىكىپ ئېچىش قۇرۇلۇشى قىلغانىدۇق» ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق چىقىپ تۇراتتى.

داشۆدە، خې لياڭجوۋ سانائەت ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە كەسپ جەھەتتە يۈكسىلىش ۋە بىلىم جۇغلاشتىن ۋاز كەچمىدى، 2001 - يىلى دۆلەت سودا - سانائەت باشقۇرۇش ئىقتىسادچىسى ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، 2024 - يىلى جۇڭگو ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغۇچى (ئالىي دەرىجىلىك) گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى.

2022 - يىلى، خې لياڭجوۋ خوتەن ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىگە يۆتكەلدى. «خوتەن ۋىلايىتىدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئاز، ۋەزىيەتنى قانداق ئۆزگەرتىشتە بېسىم ناھايىتى ئېغىر ئىدى» دېدى ئۇ.

يۆتكىلىپ كېلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئىككىنچى كۈنى خې لياڭجوۋ يېڭى ئىشخانىىسغا كىرمەي تۇرۇپلا، ئەترەت باشلاپ باغچە رايونى، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ سەككىز ناھىيە، شەھەردىكى باغچە رايونى ۋە كارخانىلاردا توپتوغرا 20 كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى سانائەت كارخانىلىرى توغرىسىدا ئاساسىي جەھەتتىن چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

«كۆڭلۈمدە سان بار بولدى، خىزمەت يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق بۆسۈش ئېغىزىنى تاپتىم» خې لياڭجوۋ ئىشنى ئالدى بىلەن كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىشتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئۈچ بانكا ۋە ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنى ھەربىر ناھىيەگە، ھەربىر باغچە رايونىغا بېرىپ ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانا نەق مەيدان كېڭىشىش يىغىنى ئېچىشقا تەكلىپ قىلىپ، كارخانا بىلەن بانكا ۋە ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنى يۈزتۇرا ئۇدۇللىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇ يىلى، 50دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا قەرز پۇلغا ئېرىشتى، بانكىنىڭ قەرز بېرىش سالمىقى مىسلىسىز بولدى.

2023 - يىلى، ئۆتكەن بىر يىللىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، خې لياڭجوۋ تېخىمۇ كۆپ بانكا ۋە ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنى باغچە رايونلىرىغا كېلىپ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، 18 مەيدان قېتىم ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانا كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بانكا ۋە ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنى شۇ جايدىكى 119 كارخانىغا قەرز پۇل تارقىتىپ، كارخانا، تۈرلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاشقا ماسلاشتۇردى.

«ئىلگىرى مەن ھېسابات قىلىشنى بوغالتىرنىڭ ئىشى دەپ قارايتتىم، خې ئىدارە باشلىقى ماڭا مەھسۇلات قىممىتى ھېساباتى، پايدا ھېساباتىنى قىلىشنى بىرمۇبىر ئۆگەتتى، يەنە <ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى> ۋە <كىرىم ئۇسۇلى> ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات لوگىكىسىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، مېنى كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى تېپىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى بىر كارخانا مەسئۇلى ھاياجانلانغان ھالدا.

خې لياڭجوۋ ھەر قانداق ئىشنى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. «ھەرقانداق خىزمەتنى ئىشلىگەندە شەكىلۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ھۆججەت چۈشۈرۈش بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ» مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ قايتا - قايتا مۇنداق دېدى: چېگرا رايون قۇرۇلۇشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە ئېھتىياجلىق. مەن يەڭنى تۈرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىشلەپ، كارخانا مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىمەن دېگەن سۆزنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلدە كۆرسىتىمەن.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى 100گىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن 141گە كۆپەيدى، كەسىپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلار بولماسلىق ھالىتى بۇزۇپ تاشلىنىپ، سانى سەككىزگە يەتتى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئۈچ يىلدا مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2024 - يىلى ئېشىش سۈرئىتى %28.9كە يېتىپ، رەت تەرتىپىدە تېزلىكتە شىنجاڭ بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتتى... بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسى بارلىقىنى ئويلىغىنىدا، خې لياڭجوۋنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتەتتى.

شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان 27 يىلدا، خې لياڭجوۋ بۇرۇنلا بۇ تۇپراق بىلەن تومۇرداش بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ياشلىق باھارىنى «كوئېنلۇندىكى مۇھەببەت كۈيى» ناملىق ئەدەبىي ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقتى، كىتابتا «سېنى تاللىغان ئىكەنمەن، كۈچلۈك بورانمۇ مېھىر - مۇھەببىتىمنى ئۇچۇرۇپ كېتەلمەيدۇ» دېگەن جاراڭلىق قەسىمى بار ئىدى؛ «چەكلىك ھاياتىمنى چېگرا رايون خەلقى ئۈچۈن چەكسىز، ئۈن - تىنسىز خىزمەت قىلىشقا سىڭدۈرىمەن، بۇ بەلكىم ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ قىممەتلىك ياشاش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن چىڭ تۇرۇش بار ئىدى.

خې لياڭجوۋ يېڭى بىر ئەۋلاد غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ مۇنداق دېدى: «چېگرا رايون <چوڭقۇر يىلتىز تارتقان> ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە ئېھتىياجلىق. ئېتىقاد بىلەن كېلىپ، قابىلىيەتكە تايىنىپ ئىشلىگەندىلا، قۇملۇقتىمۇ باھارنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.