□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
لوپنۇرنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى جىمجىت دالىدا، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان «تۇر»لار تۇتىشىپ سىرتقى كۆرۈنۈشى يارقىن، مودا بولغان بىر سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىنى ھاسىل قىلدى؛ كۇچا شەھىرىدىكى ئاۋات كوچا بولغان دوستلۇق يولىنىڭ ئايىغىدا ئەمەلىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدىغان قەدىمىي قەبرىستانلىق خارابىسى مۇزېيى يوشۇرۇنغان... ئۆتكەن يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى ئىككى «يېڭى چولپان» مۇزېي ئارقا - ئارقىدىن ميۇز لايىھەلەش مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئامېرىكا مۇزېي ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا خەلقئارالىق مۇكاپات تۈرلىرى جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بۇ باھالاش پائالىيىتى پۈتۈن يەرشارىدىكى بىناكارلىق ۋە لايىھەلەش ساھەسى بويىچە ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارالىق مۇكاپات تۈرى بولۇپ، قاتتىق باھالاش سىستېمىسى ۋە بېكىتىش ئۆلچىمى بىلەن داڭلىق.
بۇ ئىككى مۇزېي قانداق قىلىپ ميۇز لايىھەلەش مۇكاپاتىنىڭ مۇكاپاتلاش سەھنىسىدە «جۇڭگو شىنجاڭ نۇرى»نى چاقنىتالىدى؟
جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەپ خەلقئارا مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىش
«ئاپتونوم رايوننىڭ مۇزېي ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، خارابىلەر، تارىخىي ئىمارەتلەر، سانائەت مىراسلىرى، يېزا ئىگىلىك مىراسلىرى، مەدەنىيەت مەنزىرىسى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىقلارغا تايىنىپ خاس مۇزېيلارنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئىلمىي تەتقىقات ۋە نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تاۋلاپ چىققان ۋە نامايان قىلغان مۇزېيلار − شىنجاڭ تامغا مۇزېيى، ئۇچتۇرپان بەدەل تۇر سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت سارىيى، يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى، كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى ھەم سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. بۇ مۇزېيلار قۇرۇلۇش لايىھەسى جەھەتتە بىردەك «مەدەنىيەت يەر بەلگىسى»نى قۇرۇلۇش يۆنىلىشى قىلغان ھەم زامانىۋى سەنئەت ئامىللىرى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، مۇزېيلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى، ئىقتىدارى، بايان قىلىشچانلىقى، بەدىئىيلىكى، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ھەمتۈرتكىلىكى، رەقەملەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، نامايان قىلىشتىكى تېخىمۇ قالتىس سۇپىنى ھازىرلىدى.
2024 - يىلى 10 - ئايدا، سىرتقا ئېچىۋېتىلگىنىگە پەقەت ئۈچ ئايدىن ئاشقان كۇچا شەھىرى كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيى تۈرى ميۇز لايىھەلەش مۇكاپاتىنىڭ يىللىق ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مۇزېي 2007 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش بولغان «كۇچا دوستلۇق يولىدىكى جىن سۇلالىسى 16 بەگلىك دەۋرىدىكى خىشتىن ياسالغان قەبرىلەر توپى»نىڭ ئەسلىي ئورنى ئاساسىدا قۇرۇلغان، مۇزېينىڭ ئاساسىي گەۋدىسى يەر ئاستى يەتتە مېتىردىن توققۇز مېتىرغىچە كېلىدىغان جايدا بولۇپ، بېيجىڭ چىڭچېڭ رۇيشيەن رەقەملىك پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنى لايىھەلەش، يولغا قويۇشقا قاتناشقان، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى رەقەملىك قەدىمىي قەبرىستانلىق خارابىسى مۇزېيى بولۇپ، مۇكەممەل قىياپىتى قېزىپ چىقىلغان خىشتىن ياسالغان 15 قەبرە كۆرگەزمە قىلىنغان.
بۇ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدا بايقالغان بىردىنبىر خىشتىن ياسالغان قەبرىلەر توپى بولۇپ، خەن، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇشى ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى جايلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى نامايان قىلىنغان مۇھىم ئەمەلىي ئىسپات.
يۆتكىگىلى بولمايدىغان بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى تولۇق قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، كۇچا شەھىرى خارابىلىكنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قەدىمىي قەبرىلەر توپى خارابىسى يادرو قىلىنغان بىر مۇزېي قۇرۇش پىلانىنى تۈزدى.
يېقىندا لوپنۇر يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇشى يەنە 2025 - يىللىق ميۇز لايىھەلەش مۇكاپاتىنىڭ 1 - پەسىللىك ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مۇزېينى تەشكىل قىلغان سەككىز «تۇر» بۈگۈنكى كۈنگىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆنچى دەرياسى تۇر توپىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، قەدىمكى دەۋردىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا قالدۇرغان «گەۋدىسى»دىن ئىبارەت، بۇ مۇزېي 2023 - يىلى 12 - ئايدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن.
«كۆنچى دەرياسى تۇر توپى نۆۋەتتە شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان تۇر جايلىشىش لىنىيەسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقىلىشى كۆپ تۈرلۈك تارىخىي ھۆججەت - ماتېرىياللار بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرانى قوغداش تۇرمۇشى كۆرۈنۈشىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.» شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ شىڭجۈن مۇنداق دېدى: خارابىلىكلەر توغرىسىدىكى تەتقىقات بىزنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرا قورغانلىرى تۇر تۈزۈمىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ مەدەنىيەت خارابىسىنى چۆرىدەپ بىر مۇزېي قۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە.
مۇزېيلارنى شەھەر مەدەنىيەت بوشلۇقىدىكى «C ئورۇن»غا ئىگە قىلىش
«كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەسلىي ئورنىنى قوغداش ۋە ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىشنى ئاساس قىلغان. ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئۇنى قوغداش، كۆرگەزمە قىلىش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن مۇزېيغا ئايلاندۇرۇپ، قەدىمىي قەبرىلەر توپى ئەمەلىي بۇيۇملىرى ۋە يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى قوللىنىلغان رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۇچانىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايان قىلىش.» كۇچا شەھىرى كۈسەن مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى ما لىلى مۇنداق دېدى: شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بۇ قۇرۇلۇشنى لايىھەلىگەندە ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن يۇغۇرۇشنى تولۇق ئويلاشتۇق.
بېيجىڭ چىڭچېڭ رۇيشيەن رەقەملىك پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنى لايىھە تۈزگەندە، شەھەر ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى يادرولۇق ئىدىيە قىلىپ، يوشۇرۇن شەكىلدىكى يەر ئاستى كىرىش ئېغىزى ئارقىلىق مۇزېينىڭ يەر ئۈستى قىسمى بىلەن يەر ئاستى قىسمىنىڭ ئىقتىدارىنى پەرقلەندۈرۈشنى تاماملاپ، قەدىمىي قەبرە خارابىسىنى كۆرگەزمە قىلىش بىلەن مەدەنىيەت پائالىيىتى بوشلۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ھەم لايىھەنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىغا كاپالەتلىك قىلدى.
لايىھەلەش كوللېكتىپى يەر ئاستىغا جايلاشقان بۇ خارابىلىككە يۈزلەنگەندە، ئۆزگىچە بىناكارلىق ئېستېتىكىسىنى نامايان قىلىش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بوشلۇقنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە كۆرگەزمە ئۈسكۈنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇلار لايىھەلىگەن «ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىك + رەقەملەشتۈرۈش» كۆرگەزمە رايونى، كۈسەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى رايونى، VR ھېس قىلىش رايونى قاتارلىقلار تاماشىبىنلارنى چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. مۇزېينىڭ كىرىش ئېغىزىغا تۇتاشتۇرۇلغان ئۈستى ئوچۇق چۆكمە ھالەتتىكى مەدەنىيەت مەيدانىنى شەھەر كوچىسىدىكى ئوچۇق دائىرە بىلەن يۇغۇرۇپ، مۇزېينىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا LED يورۇقلۇق - ئېلېكتىر ئەينىكى، يۇلتۇزلۇق ئاسمان چىرىغى قاتارلىق كېچىلىك تۆۋەن كاربونلۇق، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى بولغان كېچىلىك ئارام ئېلىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.
«مۇكەممەل بولغان كۆرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش سىستېمىسى ھازىرقى قۇرۇلۇش سەنئىتى لايىھەسىنى ھەم كۆركەم، ھەم قولايلىق قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل، يېتەكلەش ئارقىلىق كۆرگۈچىلەر يەر ئاستى كۆرگەزمە زالىغا بىمالال كىرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇشنىڭ ئىچكى لايىھەسىدىكى ھەرقانداق يارقىن نۇقتىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويمايدۇ.» بېيجىڭ چىڭچېڭ رۇيشيەن رەقەملىك پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تۈر مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «كۆرگەزمە زالىدىكى كۆرگەزمە قىلىش بوشلۇقىدا، لايىھەمىز ئارقىلىق ھەرىكەتچان ھالەت بىلەن تىنچ ھالەتنى ئايرىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، تەسۋىر كۆرۈش ئۈنۈمى ۋە ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى جەمئىيەت، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى نامايان قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ قاتلاملىق چىراغ نۇرى بىلەن يورۇتۇش، ھولوگرافىيەلىك تىياتىرخانا قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىلار ئارقىلىق خارابىلىكنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى بىۋاسىتە نامايان قىلدۇق».
مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالى ئىچىگە كەڭ بولغان ئېكسكۇرسىيە قىلىش پىيادىلەر يولى ياتقۇزۇلغان ۋە ئەينەك توسۇق ئورنىتىلغان بولۇپ، كۆرگۈچىلەر خىشتىن ياسالغان قەبرىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇزېي ئىچىگە مول بولغان كۆپ ۋاسىتىلىك رەقەملەشكەن ئۈن - سىن كۆرگەزمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، خارابىلىكنى بايقاش، قېزىشتىكى نەق مەيدان خاتىرىسى، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تونۇشتۇرۇشى، ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئۈزۈلدۈرمەي كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ، كۆرگۈچىلەر بۇ ئۈن - سىنلار ئارقىلىق كۆپ نۇقتىدىن خىشتىن ياسالغان قەبرىلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى، ياسىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى كۆرەلەيدۇ.
«ھازىرقى زامان لايىھە تىلى مىڭ يىللىق مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، بىر سادا بىزگە مۇنداق دېدى − تارىخ ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتكىنى يوق، ئۇ پەقەت باشقا بىر خىل تىلدا بۈگۈن بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ.» نىڭبو مۇزېيى كۆرگەزمە بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى لى دۇ مۇنداق قارىدى: كۇچا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت يەر بەلگىسى دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بۇ مۇزېينىڭ جىسمىدىن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن بىر خىل يېڭى يىپەك يولى ئېستېتىكا دولقۇنىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ميۇز لايىھەلەش مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن سىرت، كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيى يەنە 2024 - يىللىق «مەملىكەت بويىچە ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەرنى قوغداش، نامايان قىلىشتىكى مۇنەۋۋەر مىسال» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش
بۈگۈنكى كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ ماڭغاندا، كورلا شەھىرىدىن لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يىڭپەن قەدىمىي شەھىرى ھەم قەدىمىي قەبرە توپى خارابىلىكىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن 150 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈك بەلبېغىغا ئىلگىرى - كېيىن 11 تۇر جايلاشقان بولۇپ، قوشنا بولغان ھەر ئىككى تۇرنىڭ ئارىلىقى بەزىلىرىنىڭ تەخمىنەن يەتتە كىلومېتىر، بەزىلىرىنىڭ تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇلار كۆنچى دەرياسى تۇر توپى دەپ ئاتىلىدۇ.
«بۇ مەدەنىيەت خارابىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەر يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىغا كىرسىلا، بۇ تۇرلار توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ.» يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ مەسئۇلى فەن جىشىن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ كۆرگەزمە سارىيىدا تۇر ھەم ئەتراپتىكى رايونلاردىن كەلتۈرۈلگەن 600 پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان.
يۈمېن ئەتراپىدىكى تاغ تىزمىلىرى قاتمۇقات بولۇپ، تۇرلار ھەرقايسى تاغ چوققىلىرىغا تارقالغان. «قەدىمكى دەۋر تۇرلىرىدىكى <تۇتاشتۇرۇش> بىلەن <بىرلەشتۈرۈش> لايىھەمىزنىڭ يادروسى بولۇپ، تۇرلارنىڭ جايلىشىش جەھەتتىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى ھەم ئىقتىدار جەھەتتىكى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شۇڭا قۇرۇلۇشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى سەككىز تۇرنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ئىچكى قىسمىنىڭ لايىھەلىنىشى ئوخشاشلا كىشىنى بىر تۇرنىڭ ئىچىگە كىرىپ، سېرىق قۇمغا كۆمۈلۈپ قالغان سىرلارنى قەدەممۇقەدەم بايقاۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ» دېدى مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى يىپەك يولى سەنئەت تەتقىقاتى ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ياردەمچىسى، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى لايىھەلىگۈچى يىن خۇەيۋېي.
كۆرگەزمە زالىغا ياغاچتىن ياسالغان، ساپالدىن ياسالغان يېمەكلىكلەر ھەم تۇرمۇش بۇيۇملىرى، توقۇلما بۇيۇم پارچىلىرى، چىگە ئاياغ، ئوقيا، ساۋۇت، ئاشلىق، موي قەلەم قاتارلىقلار تىزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان خەنزۇچە خەتلىك قەغەز ھۆججەت - ماتېرىياللار ۋە ياغاچ تارىشالار بولۇپ، ئۇنىڭغا خاتىرىلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ موللۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا خاتىرىلەنگەن چېگرا مۇداپىئە تۇرمۇشى ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ئەھۋالى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
سەددىچىن سېپىلىنى ياساش چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن تارتىپ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىگىچە باشتىن - ئاخىر ئېلىپ بېرىلغان ھەم مۇكەممەل سىستېمىغا ئىگە، شىنجاڭدا نۆۋەتتە 212 جايدا سەددىچىن سېپىلى بايلىقى بار بولۇپ، تۇر، قەلئە، كالۇن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇزېيدا، كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى كۆنچى دەرياسى تۇر توپىنىڭ تەپسىلىي كۆرگەزمىسى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان سەددىچىن سېپىلى بايلىقى بولۇپ، سەددىچىن سېپىلىنى ياساش جەريانى ۋە تەدرىجىي ئۇزارتىلغان ھەر خىل ھالىتى، قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىنى سىستېمىلىق چۈشىنەلەيدۇ.
«كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى لايىھەلەشتە، بىز بىر پۈتۈن سەددىچىن سېپىلىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردۇق، بۇ، تۇر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.» يىن خۇەيۋېي ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سەددىچىن سېپىلى سىستېمىسىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئادەم كۈچى ئارقىلىق قانداق قۇرۇلغانلىقى، سەددىچىن سېپىلىنى قۇرۇشتا قانداق ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، ئوخشاش بولمىغان سۇلالىلەر دەۋرىدە سەددىچىن سېپىلىدىكى ئۆتكەللەر، شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەنزىرە مودېلى، تەقلىدىي كۆرۈنۈش، رەقەملىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەسۋىر كۆرۈش ئۈنۈمى قاتارلىقلار ئارقىلىق، كۆرگۈچىلەرگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىزاھلاپ بەردى، ھەتتا ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يۆتكەش، كۆتۈرۈش، كېسىش، ياساش جەريانىدىكى ئەمگەك تەپسىلاتلىرىغىچە ئىنچىكە چۈشەندۈردى، بۇنىڭدا يەنە سەددىچىن سېپىلى لىنىيەسى بويىدىكى بىر قىسىم داڭلىق ئۆتكەللەردىن بولغان شەنخەيگۇەن، جۈيۇڭگۇەن، پىڭشىڭگۇەن، جيايۈگۇەن قاتارلىقلارنىڭ مودېللىرى بار.
«ئۆتكەن 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، سەددىچىن سېپىلى مۇستەھكەم رىشتىگە ئوخشاش جۇڭخۇا زېمىنىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى بىر - بىرىگە زىچ باغلاپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ تارىخىي مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىپ، تاشقى دۈشمەنگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ كەلدى.» خۇ شىڭجۈن مۇنداق دېدى: «سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى كۆرگەزمىسىدە مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى، يېڭى ئېقىمدىكى قۇرۇلۇش لايىھەسى ئىدىيەسى، يېڭىلىق يارىتىلغان رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، بۇ بىر <چوڭ مەكتەپ> ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئورتاق ياراتقانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىت چۈشەندۈرۈلۈپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش كۈچەيتىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەندى».