تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ نەتىجە قەغىزىدە، شىنجاڭ «مەلۇم بىر دەرسكىلا ئېتىبار بېرىش»نى رەت قىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن سەل ئاجىز، لېكىن ئاجىزلىق ئىچىدە كۈچلۈكلۈك بار. بۇ خۇددى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ گەرچە ئومۇمىي نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم پەنلەردە خېلىلا ئالدىدا تۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتمىگىنىگە ئوخشاش.

ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان بىر قاتار تەتقىقات نەتىجىلىرى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى −

شىنجاڭ ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتلىرىنىڭ «گېن خەرىتىسى»نى تۇنجى قېتىم سىزىپ چىقتى؛ يەرشارى بويىچە تۇنجى ئۇچقۇرچاق ئېنېرگىيە ساقلاش تىپىدىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى؛ چارۋىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنا مېيى ياردەمچى دورىسىنىڭ ئىمپورت سەپلىمە مەھسۇلاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ تۈردىكى تېخنىكا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ...

ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى باھالاش دوكلاتى 2024»دە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپى 2023 - يىلىدىكى 30 - ئورۇندىن 27 - ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا «مەلۇم بىر دەرسكىلا ئېتىبار بېرىش» ئەھۋالى ئازراق باردەك كۆرۈنىدۇ.

ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟

شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى ئاجىز، لېكىن يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىختىساسلىقلار، سىياسەت، مۇھىتنىڭ ھەممىسى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، شىنجاڭ 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار فوندى تەسىس قىلىپ، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، يېقىندىكىلەرنى خۇش قىلىدىغان، يىراقتىكىلەرنى جەلپ قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. لېكىن باشقا ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا يەنىلا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت.

بىراق، شىنجاڭدىمۇ «ئۆتكۈر قورال» بار. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، دۆلەت شىنجاڭغا «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بەردى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قاتارلىق رايون ئورنى ئەۋزەللىكى شىنجاڭنى نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندۇردى؛ بايلىقنى ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك؛ سىياسەت ئەۋزەللىكى روشەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولغاچقا شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى.

ئەمما بۇ ئەۋزەللىكلەرنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشتا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش زۆرۈر.

قانچىكى ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

شىنجاڭ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۆزىگە تايىنىشمۇ پۈتۈنلەي بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن بۇنىڭدا سېلىنما تەننەرخى ئېشىپ كېتىشى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش دەۋرىيلىكى تېخىمۇ ئۇزاق بولۇشى، تېخنىكىسى نىسبەتەن ئارقىدا قېلىشى مۇمكىن... بۇنىڭ ئۈچۈن سىرتقى كۈچكە تايىنىشقا، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە جىددىي توغرا كېلىدۇ، «قابىللار باشلامچى بولۇش» مېخانىزمى پايدىلىق سىناق.

«قابىللار باشلامچى بولۇش» دېگەنلىك زۆرۈر بولغان ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىمنىڭ ئىقتىدارى بولسا شۇ باشلامچى بولۇش، مەيلى سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بوسۇغا بېكىتمەي، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت.

2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 15 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرى بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش ۋە تەشكىللەش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، «قابىللار باشلامچى بولۇش» «بەيگىگە چۈشۈش» قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش كېرەك.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، «قابىللار باشلامچى بولۇش» مېخانىزمى شىنجاڭدا تېز ئەمەلىيلەشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈرىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە «قابىللار باشلامچى بولۇش» بويىچە بەش تۈر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

«قابىللار باشلامچى بولۇش»نى يولغا قويۇش شىنجاڭغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟

كۈچلۈكلەر بىلەن كۈچلۈكلەر بىرلىشىپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش. «قابىللار باشلامچى بولۇش»تا مۇھىمى ئىقتىدارلىق، مەسئۇلىيەتچان پەن تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىسى ياكى كوللېكتىپى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، بۇ، ئەڭ ئەۋزەل يېڭىلىق يارىتىش بۆلەكلىرىنى بايقاش، تايىنىش ۋە بىرىكتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلىپ ئالغىلى بولىدۇ.

يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش. شىنجاڭ ئېلان قىلغان «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈر تىزىملىكىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىشتىن ئىبارەت، دانىشمەن ئۇستاز ماھىر شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، بۇ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق.

تۇنجى تۈركۈمدىكى «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈرى − چارۋىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنا مېيى ياردەمچى دورىسىنى ئېچىش تەتقىقاتىنى مىسالغا ئالايلى.

سۇدىكى ماي، سۇ تەركىبلىك تىپىدىكى ھايۋانات ۋاكسىنىسى نۆۋەتتە ئاساسىي ئېقىمدىكى ماي ئېمولسىيەلىك ۋاكسىنا تىپى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچقۇچلۇق تەركىبى قىسمى ۋاكسىنا تەركىبىنىڭ تەخمىنەن %50ىنى ئىگىلەيدىغان ماي ياردەمچى دورىدىن ئىبارەت. دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا، بۇ خىل ياردەمچى دورىلارنى ئاساسەن چەت ئەل كارخانىلىرى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان پىشىپ يېتىلگەن، كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان دۆلىتىمىز مەھسۇلاتى تېخى يوق. شۇڭا، بۇ تۈردىكى ياردەمچى دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەييارلاش تېخنىكىسى دۆلىتىمىزنىڭ ھايۋانات ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىگە نىسبەتەن بىر تۈرلۈك «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ.

تيەنكاڭ بىيو پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تيەنكاڭ بىيو پاي چەكلىك شىركىتى تۈر تىزىملىكى ئېلان قىلغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخنىكا ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لەنجوۋ داشۆ بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى لەنجوۋ مال دوختۇرلۇق تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە باشلامچى بولۇپ ئۈستىگە ئالدى.

ئۈچ ئورۇن بىرلەشتى، لەنجوۋ داشۆ ئاساسلىقى ئورگانىك سىنتېزلاشقا مەسئۇل بولدى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى لەنجوۋ مال دوختۇرلۇق تەتقىقات ئورنى سۇپا بىلەن تەمىنلەپ دەلىللىدى، تيەنكاڭ بىيو پاي چەكلىك شىركىتى ئىممۇنىتېت تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى، ئۈچ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ماي ياردەمچى دورىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان مەھسۇلاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى. بۇ تېخنىكا دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئىقتىدارىنى باھالاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسى سەۋىيەسىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ياردەمچى دورىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

بۇلا ئەمەس، تيەنكاڭ بىيو پاي چەكلىك شىركىتى بۇ تۈرگە تايىنىپ، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۈسكۈنە سۇپىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بۇ تۈرنى ۋاسىتە قىلغان بولۇپ، تېخى ئەمدىلا باشلاندى.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ نەتىجە قەغىزىدە، شىنجاڭدا «مەلۇم بىر دەرسكىلا ئېتىبار بېرىش» ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ئەۋزەل ساھەلەرگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش «ئارتۇقچىلىقى» بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتكۈل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.