«تەشۋىقات كارتىسىدىكى بىرىنچى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلغاندىن كېيىن، تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەر ۋە قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى تولدۇرۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ» «تەشۋىقات كارتىسىدىكى ئىككىنچى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ ئىشنىڭ بېجىرىلىش سۈرئىتىنى سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ»... يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر مەھەللە خىزمەتچىسى ئولتۇراق رايون ئاھالىلەر توپىغا يوللىغان ئۇچۇر ئاپتورنىڭ دىققىتىنى تارتتى، توپتىكى ئۇچۇرلارنى كۆرسىڭىز، بۇنداق ئۇچۇر ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بىر قېتىم يوللىنىپ تۇرىدۇ.
مەھەللە كادىرلىرىنىڭ تەشۋىق قىلغىنى «پۇقرالار ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش بۇلۇتى. شۇجى بىۋاسىتە قىزىق لىنىيەسى» سۇپىسى بولۇپ، بۇ سۇپىدا، ھۆكۈمەت «ئاممىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ»، ئامما «ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرەلەيدۇ»، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى يەككە يۆنىلىشلىك باشقۇرۇشتىن ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە قاراپ ئۆزگەردى. ئامما مەسىلىنى بايقىغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا قاتناشقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، بۇنىڭدىن كىشىلەر ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېيىشتى: مۇشۇنداق «سۈرئەتنى تېزلىتىش» تەدبىرلىرىنىڭ يەنە كۆپرەك بولغىنى ياخشى.
ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش بۇ سۇپىنى بەرپا قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسەت، شۇنداقلا سۇپىنى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسى. بەزىدە ئامما ئىنكاس قىلغان ئىشلار خۇددى سۇغا چۈشكەن تاشتەك ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. «پۇقرالار ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش بۇلۇتى. شۇجى بىۋاسىتە قىزىق لىنىيەسى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، پەقەت ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
ئىدارە قىلىش ھارارىتىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ «سۈرئەتنى تېزلىتىش» تەدبىرلىرىنىڭ ئاممىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئېرىشىش تۇيغۇسى ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)