ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 2025 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 2025 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەز ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ ۋە پىلانلىنىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، مېخانىزم ئورنىتىپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن قاپلاش ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن قاپلاشنى شىنجاڭدىكى تۈرلۈك تەشكىلاتلار، تۈرلۈك كىشىلەر توپىغىچە ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى ئەمەلىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش قوشۇنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. دىققەتنى يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىن ئىبارەت «ئىككى بازا»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ پارتىيەنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.