تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

«2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ <ئالتە مۇھىم تىزىملىكى>» قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ <ئالتە مۇھىم تىزىملىكى>»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش چارىسى»، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر زايومىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالتە مۇھىم تىزىملىكى» خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى باشلامچى، مۇھىم سۇپىلارنى ۋاسىتە، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئاساس، زور ئىسلاھاتنى يېتەكچى، مۇھىم سىياسەتلەرنى تىرەك، نۇقتىلىق ئامىللارنى كاپالەت قىلىش ئارقىلىق، تۈر سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۇپا ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسەتنى كېڭەيتىش ۋە ئامىللارنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك»كە ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەزىپە - نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرمۇبىر چىڭ كۆزلەپ بېجىرىپ، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى نىشانى بويىچە، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ مۇھىم سۇپىلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تىجارەت - سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئەلا، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ يەر، مەبلەغ قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار كاپالىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، 2025 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مائارىپ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى، ئىسلاھاتى، تەتقىقاتىدا گەۋدىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاپ، ئوقۇتۇش نەتىجىلىرى مۇكاپاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى مائارىپ ئوقۇتۇشىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش چارىسى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش، تەقدىرلەش ۋە باھالاش تەرتىپىنى دەل جايىدا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى نىشانلىق قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. مۇكاپات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش، نامزاتلىققا كۆرسىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تەشكىللەپ، باھالاش جەريانىنىڭ ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر، ئىلمىي، ئوبيېكتىپ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باھالاش نەتىجىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا مايىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق، ئىجادچانلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەتىجىلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر زايومىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەخسۇس تۈر زايومىنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى سىجىل كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى پىلانلاپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۈرلەرنى دائىملىق ئىلتىماس قىلىشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەخسۇس تۈر زايوم سوممىسىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، زايوم تارقىتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تارقىتىش رىتىمى ۋە سۈرئىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، بالدۇر تارقىتىش، بالدۇر ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق ئامىللار كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، پۈتكەن تۈرلەرنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى ۋە ئەمەلىي پايدىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يوشۇرۇن قەرزى ۋە دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەبلەغنى ئىشلەتمەي بىكار قويۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.