تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان يولۇچى 8 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان يولۇچى جەمئىي 8 مىليون 582 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.28 ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇغقان يوقلايدىغانلار ئېقىمى، ساياھەت قىلىدىغانلار ئېقىمى، ئوقۇغۇچىلار ئېقىمى، ئىشلىگۈچىلەر ئېقىمى زىچ گىرەلىشىپ، تۆمۈريولدا سەپەرگە چىقىشنى تاللايدىغان يولۇچىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى ئالدىدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «تىيانشان قار لەيلىسى» يولۇچىلار تىرانسپورتى مۇلازىمەت ماركىسىنى پۈتۈنلەي يېڭىدىن بەرپا قىلىپ، تىرانسپورت كۈچىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، بېلەت سېتىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پويىز كۈتۈش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تولۇقلاپ كۈچەيتىش، مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كېڭەيتىش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ تەدبىر ئارقىلىق، تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مەركىزىي شەھەردىكى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق، راھەت سەپەرگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ يىل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان يولۇچى جەمئىي 5 مىليون 919 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى. 12306 سۇپىسىدا يولۇچىلار بېلەتنى ئالدىن سېتىۋېلىشتىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇيدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى پەلەمپەيسىمان ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى قايتا بىرىكتۈرۈپ سىغىمىنى ئاشۇرۇش، ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى قاتنىتىش، ھەپتە ئاخىرى ۋە يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە قاتنايدىغان پويىزلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق كۆپەيتكەن بېيجىڭ، چېڭدۇ، لەنجوۋ ھەم شىنجاڭ ئىچىدىكى قىزىق نۇقتىلىق يۆنىلىشلەردە قاتنايدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى 1008 قېتىمغا يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57 ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 1 - پەسىللىك قاتناش خەرىتىسىنى تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى «بىر شەھەردىكى ئىككى ۋوگزال» يولۇچىلار پويىزى بېرىش - كېلىش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، بەش جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئاخىرقى بېكەت قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتتى؛ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغىچە بولغان ئارىلىقتا «تۆمۈر ناملىق» يۇقىرى سۈپەتلىك ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قاتناش، قار - مۇز ساياھىتى ساياھەت مەخسۇس پويىزى تەشكىللەش قاتارلىقلار يولۇچىلار تىرانسپورت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلىق، جانلىق، ئازادە بولغان يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.