تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

80 - يىللاردا تۇغۇلغان گۇزى دۇكىنى ئىگىسىنىڭ Z دەۋرى بىلەن بولغان ئىككىلەمچى بوشلۇق ھالقىغان سۆھبىتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) خۇاتيەن كىنو كىچىك بازىرىنىڭ يەر ئاستى 1 - قەۋىتىدىكى «شىليەن گۇچاڭ» دۇكىنىدا، ئىمران شىرئەلى كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى «نېجا − ئالۋاستى بالىنىڭ دۇنياغا كېلىشى»نىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق كارتىسىنى كۆرگەندە، بۇ ياشنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان نۇرلىرى چاقنىدى: «<نېجا 2>نى ئۈچ قېتىم كۆرۈپ بولدۇم، ئالدىنقى ھەپتە بىرنەچچە دۇكانغا بېرىپ نېجانىڭ يانداش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالاي دېسەم مال يوق دېگەنىدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالدىم».

«دەل ۋاقتىدا كەپسىز، بۇ بۈگۈن ئەمدىلا سېلىنغان مال، ئون قاپ ئەتراپىدا سېتىپ بولدۇم.» دۇكان ئىگىسى جەي شياۋلۇ ۋىيشىن ئىككىلىك كودىنى سۇنغاچ شۇنداق دېدى. ئىلگىرى كىيىم - كېچەك كەسپىدە 20 يىلغا يېقىن تىرىشقان 43 ياشلىق شىنجاڭلىق بۇ يىگىت ئىككىلەمچى بوشلۇق ساھەسىگە ساھە ئاتلاپ كىرىشنى قەتئىيلىك بىلەن تاللاپ، كارتون ۋە ئويۇن يانداش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئاساس قىلغان بۇ «گۇزى دۇكىنى»نى ئاچتى، بۇ دۇكان ئىككىلەمچى بوشلۇق ھەۋەسكارلىرى توپلىشىدىغان جاي بولۇپ قالدى.

2024 - يىلى 3 - ئايدا، جەي شياۋلۇ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك كەسپىدىن ئايرىلىپ، ئىككىلەمچى بوشلۇق ساھەسىگە ئاتلىنىشنى قارار قىلدى. شۇ چاغدا ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك كەسپىدە بازار رىقابىتى كەسكىن بولۇپ، تىجارەت ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ناچارلاشتى. لېكىن سودا سارايلاردا خەنفۇ كىيىدىغان، Cosplay ئوينايدىغان Z دەۋرى ياشلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىككىلەمچى بوشلۇق مەدەنىيىتى بىردىنلا ئەۋج ئالدى. كىچىكىدىن «ئەرشنى مالىمان قىلىش» ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈپ چوڭ بولغان 80 - يىللاردا تۇغۇلغان جەي شياۋلۇ بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان سودا پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلدى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جەي شياۋلۇ دۇكاننىڭ ئورنىنى خۇاتىيەن كىنو بازىرىغا بېكىتتى، بۇ جايدا ياشلار توپلاشقان، مەدەنىيەت كەيپىياتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئىككىلەمچى بوشلۇق مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك جايى ئىدى. لېكىن تىپ ئۆزگەرتىش يولى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. كۆپ يىللىق پارچە سېتىش تەجرىبىلىرىنىڭ ئىككىلەمچى بوشلۇق ساھەسىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ئورنى يوق دېيەرلىك ئىدى، ئۇنىڭ نۆلدىن باشلاپ ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە، يەنە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ مۇنتىزىم مال كىرگۈزۈش يولىنى ئىزدىشىگە توغرا كېلەتتى.

«شىلىيەن گۇچاڭ»غا كىرگىنىمدە، 80 كىۋادرات مېتىرلىق بوشلۇقنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئىككىلەمچى بوشلۇق كەيپىياتىغا تولغان دۇنيا قىلىپ بەرپا قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم. دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى rap بىلەن كارتون ناخشىلىرى نۆۋەت بىلەن قويۇلۇۋاتاتتى، مال جازىسىغا ئىزناك، ئاسما بۇيۇم، كارتون قونچاق قاتارلىق كارتون ياكى ئويۇن يانداش مەھسۇلاتلىرى لىق تىزىلغانىدى. ئوتتۇرىدىكى ئۇزۇن ئۈستەلدە ياشلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە كارتا ئېچىپ، تەلەي قۇتىسىنى ئېچىپ، ئىككىلەمچى بوشلۇق مەدەنىيىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى.

دۇكاننىڭ ئەڭ ئىچىدىكى ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىمزا قويۇش، رەسىم سىزىش تېمى «شىلىيەن گۇچاڭ»نىڭ مەدەنىيەت ماگنىتىغا ئايلانغانىدى. بۇ تامنى جەي شياۋلۇ ئىككىلەمچى بوشلۇق ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن لايىھەلىگەن بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭىلىناتتى، ئۈستىگە ياشلار قولىدا سىزغان ئىككىلەمچى بوشلۇق پېرسوناژلىرى لىق چاپلانغانىدى. «نېجا»دىكى ئاۋبىڭدىن «ۋاقىت ۋاكالەتچىسى»دىكى چېڭ شياۋشى، «مۇكەممەل دۇنيا»دىكى شى خاۋغىچە، ھەربىر پارچە رەسىمگە ئىجادىيەتچىنىڭ قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

ئىمزا قويۇش، رەسىم سىزىش تېمى ئالدىدا، ئايخانا كېرەم ھەمراھى گېڭ يۈروۋ بىلەن باشلىرىنى يېقىن قىلغىنىچە، رەڭلىك قەلەم بىلەن «قارا رىۋايەت: ۋۇكۇڭ»دىكى كىلاسسىك پېرسوناژنى تەقلىد قىلىپ سىزدى. «بىز دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كارتون فىلىملەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشىپ دوست بولۇپ قالدۇق، ھازىر كېلىشىپ قويۇپ ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا دۇكانغا كېلىمىز.» دېدى ئايخانا. بۇ خىل ئورتاق قىزىقىش سەۋەبىدىن رىشتە باغلانغان ھېكايىلەر «شىلىيەن گۇچاڭ»دا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئىككىلەمچى بوشلۇق ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزىقىشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، جەي شياۋلۇ ھەر كۈنى 10 سائەتكە يېقىن دۇكاندا تۇرۇپ، ئىككىلەمچى بوشلۇققا ئالاقىدار بىلىملەرنى كۆپلەپ ئۆگەندى، ھەر كۈنى ئۈچ - تۆت سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ شياۋخۇڭشۇ ۋە دوۋيىن سۇپىسىنى كۆرۈپ، بىر قىسىم ئالقىشلىق IPلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ھەرقايسى چوڭ ئىككىلەمچى بوشلۇق IP لىرىنى پىششىق بىلىپلا قالماي، يەنە بۇ ساھەنى تېخىمۇ كۆپ كۆزەتتى ۋە تەتقىق قىلدى.

تىجارەت باشلىغان يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جەي شياۋلۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كارتون ۋە ئويۇن IPسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى. «يۈەنشېن»دىكى لىيۆ رايونىنىڭ ئىمارەتلىرى، «ۋاقىت ۋاكالەتچىسى»دىكى تاڭجۇاڭ كىيىملىرى ئامىللىرى ھەر مىللەت ياشلارنى ئورتاق تېمىغا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. دۇكان كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق خېرىدار كۈتۈۋالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كارتون فىلىم يانداش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %60نى ئىگىلەيدۇ.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، دۇكانغا بىر نەچچە دائىملىق خېرىدار كەلدى، ئۇلار جەي شياۋلۇ قۇرغان «ئىككىلەمچى بوشلۇق مەدەنىيىتى» توپىدىن «نېجا 2» نىڭ يانداش مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان بولۇپ، مال ئالغىلى كەلگەنىدى.

جەي شياۋلۇ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى: «سىلەرچە نېجا بىلەن ئاۋبىڭنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟»

«مېنىڭچە ئۇلار ھەم دوست ھەم رەقىب.» كۆزەينەك تاقىۋالغان ئېگىز بويلۇق بىر ياش جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «نېجا قارشىلىشىش ۋە ئەركىنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاۋبىڭ بولسا مەسئۇلىيەت ۋە چەكلىمىگە ئۇچراشقا سىمۋول قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ توقۇنۇشى ئەمەلىيەتتە ئىككى خىل قىممەت قارىشىنىڭ توقۇنۇشى».

«لېكىن مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا يارىشىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ تاللىشىنى چۈشەنگەنلىكىدىن بولدى» دېدى خەنفۇ كىيىمى كىيىۋالغان بىر قىزچاق تولۇقلاپ.

بۇنداق سۆھبەتلەر دۇكاندا دائىم بولۇپ تۇراتتى. «مەن بۇنىڭ بىر دۇكان بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» جەي شياۋلۇ مۇنداق دېدى: مەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كارتون فىلىم ۋە ئويۇن IPلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يانداش مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمەن، يەنە Cosplay مۇسابىقىسى، كارتون باش تېما سالونى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز كارتون مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشىنى ئويلاۋاتىمەن.

■ مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

ئىككىلەمچى بوشلۇق مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم نۇقتا ھەمبەھرىلىنىش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككىلەمچى بوشلۇق مەدەنىيىتى جۇڭگودا تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈردى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنىڭدا ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىككىلەمچى بوشلۇق كارتون چوڭ كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدىلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە قاراماي، كورلا قاتارلىق جايلارغىچە كېڭىيىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقانلار سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى؛ ئىككىلەمچى بوشلۇق يانداش مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان «گۇزى دۇكىنى» يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تېز كۆپىيىپ تىجارەت باشلاپ، سىجىل ئالقىشقا ئېرىشتى؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا كارتون كىيىمى كىيگەن ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى... ئىككىلەمچى بوشلۇق مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ھالىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى موتور بولۇپ قالدى.

ئىككىلەمچى بوشلۇق مەدەنىيىتىدە مۇھىم بولغىنى قىزغىن سۆيۈش ۋە تەڭ بەھرىلىنىش. ھەر مىللەت ياشلار ئورتاق قىزىقىش سەۋەبىدىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، پېرسوناژلار ئۈسىتىدە مۇنازىرە قىلىپ، ھېكايىلەردىن تەڭ بەھرىلىنىپ، رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزئارا ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى. دۆلىتىمىز كارتون ئەسەرلىرىدىكى مول جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرى ھەر مىللەت ياشلارنى كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتىدىن بەھرىلىنىش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كەلگۈسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر كارتون ئەسەرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپىگە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.