ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، پاختا، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، تۈرلۈك ئېچىۋېتىش يولى ۋە ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەر تەرەپلىمە گىرەلەشكەن ئەمەلىيەت يولىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي شىمالنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى يەنىمۇ تولۇق ئىگىلەپ، ئىنتىزام جازاسىغا ئالاقىدار قائىدە - نىزاملارنى ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، دادىل ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ باشقا قۇرۇلۇشلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نىزام - تۈزۈمنىڭ كەسكىنلىكى ۋە نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىجادىي ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، دىققەتنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېھتىياجغا قاراپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مەخسۇس تېما بويىچە يېتىشتۈرۈشنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، يېتىشتۈرۈشنىڭ مەنپەئەتلەندۈرۈش دائىرىسى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.