تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باغچە ئېچىلدى

باشقۇرغۇچى تەرەپ

چاچى دۆلەت ئورمان باغچىسىنىڭ قىشلىق باغچە تاقاش مەزگىلى ئاخىرلىشىپ

4-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    «گۈزەل بوستانلىق ئىلىدا، مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل جاي — چاچى».

    باھار شامىلى چاچىغا ئۇرۇلغاندا، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ جانلىنىدۇ. چاچى ئىلىدىكى ئەڭ بالدۇر كۆكىرىدىغان ئوتلاق بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاساسەن كۆكىرىپ بولىدۇ.

    ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان تىيانشان تاغ تىزمىسى، نۇر بىلەن سايە ئۆزئارا گىرەلەشكەن تىيانشان تېغىدىكى شەمشاد، سۈزۈك ئېقىن سۇ، شارقىراتما چاچى ئوتلىقىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل مەنزىرىسىنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن.

     ئەڭ ياخشى داكا قىلىدىغان جاي چاچىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بولۇپ، ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ يول ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى، ئاپتوموبىل چەكلەنمەيدۇ، كېيىنكى يېرىم قىسمىدىكى ئەڭ ئېسىل بولغان 30 كىلومېتىرلىق چاتا ئايلانما لىنىيەسىنىڭ يول ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ، كۆپ قىسمى سۇ كېچىپ ئۆتىدىغان يول بۆلىكى بولۇپ، ئاپتوموبىل تىپىغا بولغان تەلەپ يۇقىرى (تەگلىكى ئېگىز بولغان suv ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كىرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ)، دالىدا ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايسىز.

    كۆپكۆك ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرىدۇ، يىراقتىكى قارلىق تاغدىكى قار-مۇزلار يەنىلا ئاپئاق كۆرۈنىدۇ، ئوتلاقتىكى ھەربىر تال گۈلدىن سەھەردىكى شەبنەم چاقناپ تۇرىدۇ.

    ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چاچى ئوتلىقىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى يېتىپ كېلىدۇ.

    چاچىغا كېلىڭ، بۇ تۆت يەرگە چوقۇم بېرىپ داكا قىلىڭ 

    1. چاچى گۈل دېڭىزى

    2.چاچى گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىش سۇپىسى

    3 قارىغايلىق

    4.چاچى شارقىراتمىسى


    تەۋسىيە: كۆپچىلىكنىڭ ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇ، يېشىل ئوتلاق بىلەن بەك ماسلىشىدۇ. ئوتلاقنىڭ ھاۋاسى تۇراقسىز، شۇڭا قېلىنراق كىيىنىۋېلىش كېرەك. ئۇلترا بىنەپشە نۇرمۇ ناھايىتى كۈچلۈك، ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.


«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.