تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مۇساپە سەككىز سائەت ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ! شىنجاڭدىكى بۇ تۆمۈريولدا 9-ئايدا قۇرۇلۇش باشلاش مۆلچەرلەندى

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن ياسىلىدىغان تۆمۈريولنىڭ غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان لىنىيەسىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا ئامما قاتنىشىشنىڭ 2-قېتىملىق ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋاقتى توشقان بولۇپ، تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى پات ئارىدا تەستىقلاش باسقۇچىغا كىرىدىكەن.

بۇ قېتىمقى ئېلاندىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭىدىن ياسىلىدىغان تۆمۈريولنىڭ غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان لىنىيەسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە جايلاشقان. بۇ تۈر دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈريول تورىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم چېگرا بويىدىكى تۆمۈريول ئۆتىڭى ۋە شىنجاڭ تۆمۈريول رامكا تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇشتا يەنە بىر قولاي يول ئاچتى.

غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان يېڭىدىن ياسىلىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 464.958 كىلومېتىر بولۇپ، كۆتەكلىكتىن كۇچاغىچە بولغان غەربىي بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ ياساشتا كۇچا-ئوقۇربۇلاق تۆمۈريولىنىڭ 70.472 كىلومېتىر بۆلىكىدىن پايدىلىنىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىش باشلاش ۋاقتى 2025-يىلى 9-ئاي بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى 2025-يىلى 9-ئايدىن 2031-يىلى 9-ئايغىچە بولىدىكەن. بۇ لىنىيە ئومۇميۈزلۈك سائىتىگە 160 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بويىچە ياسىلىدىغان تاق لىنىيەلىك ئېلېكترلەشكەن تۆمۈريول ئىكەن.

كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

بۇ لىنىيە پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدا ئەڭ قولاي بولغان تۆمۈريول تىرانسپورت لىنىيەسى شەكىللىنىدۇ، غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى تۇرپاندىن ئۆتىدىغان 1616 كىلومېتىردىن 820 كىلومېتىر ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ، قاتناش ۋاقتى 16 سائەتتىن سەككىز سائەت ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.