«سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش» ناملىق كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ فىلىمنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پەيزاۋات ناھىيەلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى، شىنجاڭ دېخۇي كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن، 2023-يىلى 6-ئايدا پەيزاۋات ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىش باشلانغان.
فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ يىڭ جيې (گۇڭ جېڭ رول ئالغان) بىر سۇچىلىق خىزمەتچىسى بولۇپ، كۆڭلىگە «كۆپچىلىكنى بىخەتەر سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» قەتئىي ئېتىقادىنى پۈككەن. كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ قۇدۇق قېزىپ سۇ ئېلىپ، «كۆل سۈيى» بىلەن خوشلاشقاندىن تارتىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش لايىھەسىنى تەتقىق قىلغانغا قەدەر، يىڭ جيې ئۇزاق مەزگىل بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلغان، بۇ جەرياندا لايىھەسى ئىنكار قىلىنىش، خىزمىتى ئۆزگىرىش، راك كېسىلى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇش قاتارلىق جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن ئۇ يەنىلا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە جاپالىق ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرغان... كىنو ۋەقەلىكى ئون نەچچە يىلنى ھالقىغان بولۇپ، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق، ئاساسلىقى «بىر پىيالە تاتلىق سۇ»نىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.
«سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش» ناملىق كىنونىڭ ۋەقەلىكى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئېلىنغان. تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدا «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى»، پەيزاۋات ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇ قاتارلىق تىپىك شەخسلەر بارلىققا كەلگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى