− ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېڭى مەنزىرىسىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا نەزەر
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چوڭ بۇغرا بازىرى كىچىك بۇغرا كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئاھالىسى دىڭ يۇڭجەن مەشغۇلات خادىمىنىڭ يېزا ئىگىلىك تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «يېڭى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ، بىر سائەتتە 100 مودىن ئارتۇق يەردە مەشغۇلات قىلالايدىغان بولدۇم».
شىخو شەھىرىنىڭ باشىسىخۇ يېزىسى باخەي كەنتىدىكى پارنىك تېرىقچىلىق ئاھالىسى لياڭ چېڭشەن كۆكتات مايسىلىرىنى يۆتكەپ بولۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئون مو يەرگە ئوسۇڭ كۆچۈرۈپ تىكتىم، يەنە بەش مو يەرگە خۇاسەي كۆچۈرۈپ تىكىمەن».
...
«ئاشلىق ھوسۇلىنى 47 مىليارد 600 مىليون جىڭدىن ئاشۇرۇش» ئاپتونوم رايوننىڭ 2025 ـ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇش ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا ـ ئارقىدىن باشلاندى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 500 مىڭ مودىن ئارتۇق دېھقانچىلىق زىرائىتى تېرىلىپ، تېرىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ تۇپراقتا، كىشىلەر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بىرىنچى سېپىدە، بىر تالدىن ئۇرۇق چېچىپ، بىر پارچە ئېتىزنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، بىر تور توقۇپ، ھەممە جايدىكى ئالدىراش ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشىنى نامايان قىلماقتا.
بىر تال ئۇرۇق چېچىش
يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئەلا سورتلارنى تاللاپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش
ئۇرۇقلۇق، يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى»، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇل تېشى.
نۆۋەتتە، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۆتەڭ كەنتىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى كۆكباش قوناق مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، قاتار كەتكەن قوناق مايسىلىرى ئەمدىلا باش كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدا ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى.
بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، كۈن نۇرى يېتەرلىك بولۇپ، كۆكباش قوناق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. 2024 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، «شىنجاڭ كۆكباش قوناق كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەم توپلاشتۇرۇپ قوللىنىش» تۈرى يولغا قويۇلدى، بۈگۈر ناھىيەسى تۈرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونى قىلىپ بېكىتىلدى.
قانداق قىلغاندا كۆكباش قوناقنى تەملىك، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى قىلغىلى ھەم بالدۇر بازارغا سېلىپ، ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ؟
«شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۆكباش قوناقنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇردۇق.» بۈگۈر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ زىلىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، بۇ كوللېكتىپ بۈگۈر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئېتىز بېشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆز جايىنىڭ تۇپرىقىغا، ھاۋا كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان قوناق سورتلىرىنى تاللاشتىن ئالدىنقى قاتاردىكى مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكىچە، ئاندىن كېسەللىك ـ ھاشارات زىيىنى بويىچە يېشىل ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى چۈشەندۈرۈشكىچە، پۈتۈن جەرياندا دېھقانلارنى «ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
«بۇ تۈركۈمدە يېتىشتۈرۈلگەن قوناق مايسىلىرىنى 4 ـ ئاينىڭ باشلىرىدىلا كۆچۈرۈپ تىككىلى بولىدۇ، كۆكباش قوناق تەخمىنەن 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرى پىشىپ بازارغا سېلىنىدۇ. 6 ـ ئاينىڭ باشلىرىدا، بىز يەنە قوناق مايسىسىنى ئېڭىز ئورنىغا تىكىپ، كۈزدە پىشىپ بازارغا سېلىنغاندا ياخشى باھادا سېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى ئاقساراي يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىدىكى دېھقان تاڭ شۆمېي كۈلۈپ تۇرۇپ.
مايسا يېتىشتۈرۈش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا، شۇنداقلا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاچقۇچ. «بۇ يىل، شىركەت پاختىنىڭ يېڭى سورت سىستېمىسىنى مول ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق، ماسلىشىشچانلىق بويىچە تەھلىل قىلدى ھەم بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەلا سۈپەتلىك پاختا يېڭى سورتىنى تاللاپ چىقتى. نۆۋەتتە، شىركەت 1000 توننا كېۋەز ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىپ، ھەر كۈنى ئون توننا ئەتراپىدا كېۋەز ئۇرۇقى ساتتى، بۇ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ» دېدى كۇچا كۈسەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئابدېلىم ھېكىم.
كۇچا كۈسەن ئۇرۇقچىلىقى كېۋەز ۋە بۇغداي سورت يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇرۇقچىلىق كارخانىسى. بۇ يىل بۇ شىركەت كۈسەن HZ-31 ۋە 41دىن ئىبارەت ئىككى كېۋەز سورتى سىستېمىسىنى مەلۇم قىلىپ، دۆلەت شىنفېڭ بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ بالدۇر پىشىش گۇرۇپپىسى سىنىقىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى، كۆپ رايوندا، كۆپ يىل سىناق قىلىش ئارقىلىق، سورتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. «كېيىنكى قەدەمدە شىركەت يېڭى سورتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇرۇق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ» دېدى ئابدېلىم.
بىر پارچە ئېتىزلىقنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش
70% ئېتىزنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇش
«خەلق جان بېقىشتا دانلىق زىرائەتكە تايىنىدۇ، دانلىق زىرائەت ئۆسۈپ يېتىلىشتە يەرگە تايىنىدۇ.» تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جان تومۇرى.
3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ جيۇجيەنلوۋ يېزىسى چىخۇدى كەنتىنىڭ 2024 ـ يىللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانىدا، قېزىش ماشىنىسى، توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. «بىز ھازىر ئوق ئېرىق قۇرۇلۇشى مەشغۇلاتى قىلىۋاتىمىز، ئومۇمىي سۈرئەت %90تىن ئاشتى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا تىرىشىمىز» دېدى شىخو شەھىرىنىڭ جيۇجيەنلوۋ يېزىسى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ تېخنىكى ۋاڭ پېڭفېي.
2024 ـ يىلى شىخو شەھىرىنىڭ جيۇجيەنلوۋ يېزىسى جەمئىي 18 مىڭ مو يەردە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، تۈرگە جەمئىي 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن بولۇش، ئەسلىھە يۈرۈشلەشكەن بولۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولۇش قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە، سۇ تېجەپ سۇغىرىش ھەم تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېتىز، تۇپراق، سۇ، يول، ئورمان بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.
بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك.
قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شاخاپ يېزىسىدا 1200 مودىن ئارتۇق يەردىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قاينام ـ تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. «بىز چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئېتىز پەرۋىشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلىمىز» دېدى قاغىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن گوجياڭ.
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەر، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. «ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ يۇقىرى بولۇش ـ بولماسلىقىدا بىز دەسسەپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئېتىزلىق ئىنتايىن مۇھىم.» 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ چىغان جىگدە يېزىسىدىكى دېھقان ۋاڭ شىۋېن مۇنداق دېدى: مەن 1000 مودىن ئارتۇق يەرگە بۇغداي تېرىدىم، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئېتىزدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى، يەر تېرىپ پايدا ئالدىم.
يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ئېتىزىنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرماقتا. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 59 مىليون 890 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنغان بولۇپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ %72.8ىنى ئىگىلىگەن.
بىر تور توقۇش
«يەر تېرىشنى بىلىش»تىن «يەر تېرىشقا ماھىر بولۇش»قا ئۆزگىرىش
2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا «يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا، ۋەكىللەر، ئەزالار «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، كۆپ قېتىم دىققەتنى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئېتىز باشلىرىنى پەرۋىش قىلىشتا جەزمەن پەن ـ تېخنىكىغا تايىنىش كېرەك. 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرى ئاقتۆپە كەنتىدىكى بىر پارچە ئېتىزلىقتا، 150تىن ئارتۇق تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرى تەڭشەپ سىناق قىلىنىۋاتقان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى چۆرىدەپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن قاراپ تۇراتتى − بۇ بىر مەيدان ئادەتتىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سەپەرۋەرلىكى بولماستىن، بەلكى قوناق تېرىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان «تېخنىكا ئىنقىلابى» ئىدى.
غۇلجا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شا فېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى بولۇپ، 70 + 40 سانتىمېتىر كەڭ ـ تارلىقتىكى قۇردا قويۇق تېرىش ئەندىزىسىگە ماس كېلىدۇ، بۇ، بۇ يىل ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان قوناق تېرىش يېڭى ئەندىزىسى. بۇ يىل غۇلجا شەھىرى 30 مىڭ مو يەردە ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلىدى، مو بېشى ھوسۇل ئىقتىدارىنىڭ %5تىن %10كىچە ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
«70 + 40 سانتىمېتىر كەڭ ـ تارلىقتىكى قۇردا قويۇق تېرىشنى دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش تېخنىكىسى»نى قوللىنىپ قوناق تېرىشنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى 50 + 50 سانتىمېتىرلىق تەڭ قۇر ئارىلىقى ئەندىزىسى ياكى 60 + 40 سانتىمېتىرلىق ئوخشاش بولمىغان قۇر ئارىلىقى ئەندىزىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شامال ئۆتۈشۈشى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مايسا تۈپىنىڭ يېتىپ قېلىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى بەرپا قىلىشتا پەن ـ تېخنىكا ئۆتكۈر قورال. بۈگۈنكى كۈندە، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، پەن ـ تېخنىكىلاشقان يەر تېرىش يېڭى مەنزىرىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، يەر تېرىشتىن ئىبارەت دېھقانلارنىڭ نەزەرىدىكى بۇ جىسمانىي ئەمگەك «ئەقلىي ئەمگەك»كە ئايلانماقتا. «ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىدىن كومبايىنغىچە، ھەممىسىنى يېڭى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغاندىلا، ئاندىن ھوسۇلنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى پەنجىم بازىرىنىڭ ئاقتۆپە كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، قوشۇمچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى قەيسەر مۇختەر.
خوشۇت ناھىيەسىنىڭ سۇخاتۇ يېزىسى سۇخاتۇ كەنتىدىكى دېھقان تاڭ مىڭگۇينىڭ ئېتىزلىقىدا، پىيازنى تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان ئىككى شوپۇرسىز ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، يوپۇق يېپىش، ئۇرۇقنى دانىلاپ تېرىش، كۆمۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر قېتىمدىلا تاماملىدى؛ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قوشئاۋات بازىرى غازاڭتوغراق كەنتىدىكى 1000 مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزدا ئۈچ بېيدوۋ يول باشلاش ئاپتوماتىك ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ئالدىن بېكىتىلگەن لىنىيە بويىچە دەل جايىدا ئۇرۇق تېرىپ، ئۇرۇق سېلىش، يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى ياتقۇزۇش، كۆمۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تاماملىدى... ھاياتىي كۈچكە تولغان تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا نەزەر سالساق، ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش، «بۇلۇت تېرمىنالى»دا يەر تېرىش، رەقەملىك پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى قوشۇش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ «سۈرئەتنى تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى باسماقتا.