ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاممىۋى بايلىق سودىسى ۋە مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاممىۋى بايلىق سودا زالىدا، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرماقتا.□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى بايلىق سودىسى ۋە مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىگە كېلىپ، ئاممىۋى بايلىق سودا زالىغا كىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كانچىلىق ھوقۇقى سودىسى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سودا تەرتىپىنى سىستېمىلىق رەتلەپ ۋە دەل جايىدا ئەلالاشتۇرۇپ، تەرتىپى تېخىمۇ ئاددىي، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەلا سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ما شىڭرۇي خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق تەرتىپلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، سىن ئارقىلىق خېرىدار باھالاش ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خېرىدار باھالاشنى ساقلاۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا پاكلىق خەۋپ ـ خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار رىقابىتى تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
ئارقىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى زالىغا كېلىپ، كۆزنەك تەسىس قىلىش ۋە كەسىپ بېجىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ۋە كارخانىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئىش تۈرلىرىنى تۆۋەنگە بېرىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تەتقىق قىلىشنى تېزلىتىپ، كۆزنەكنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامغا كۈچ قوشۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيە سۇپىسىغا كېلىپ، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى بېجىرىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلىش، تەھلىل قىلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت يېپىق ھالقىلىق بېجىرىش مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاممىۋى بايلىق سودىسى ۋە مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدىكى نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت قوش چاق تەڭ ھەرىكەتكە كېلىشنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى، چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە سودا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى قاتتىق كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، كەسىپكە مەسئۇل تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى بايلىق سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «مۇداپىئە تېمى»نى بىرلىكتە مۇستەھكەملەش كېرەك.
قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.