بىز بىخەتەر، ساغلام ھەم قۇۋۋەتلىك بولغان ئۈچ ۋاق تاماققا موھتاج، لېكىن چۈشتە ئۆيگە قايتىش ئىمكانىيىتى يوق ياكى يېمەك- ئىچمەك تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ۋاق ساغلام بولغان چۈشلۈك تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس. ئۆزىنىڭ ساغلاملىقى ھەم چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن، نۇرغۇن خىزمەتچى «ئىشقا تاماق ئېلىۋېلىش قوشۇنى»غا قوشۇلدى. لېكىن، ئىشقا تاماق ئېلىۋېلىشنىڭمۇ ئېپى بار. ئىشقا تاماق ئېلىۋېلىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش زۆرۈر.

1. ئۇزاق ۋاقىت توڭلىتىلغان يېمەكلىكتىن ساقلىنىڭ
بىر قىسىم خىزمەتچىلەر قولاي بولۇشنى كۆزلەپ، بىر قېتىمدا نۇرغۇن قورۇما تەييارلىۋالغاندىن كېيىن قاچىلارغا بۆلۈپ توڭلىتىپ ساقلايدۇ، ھەر كۈنى ئىشقا ئازراقتىن ئېلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇزاق ۋاقىت توڭلىتىلغان يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ياكى تەمى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن ھەمدە بۇنداق تاماقنى يېسە قورساق ئاغرىپ، ئىچى سۈرۈپ ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. ئۇزاق ۋاقىت توڭلىتىلغان يېمەكلىكنىڭ قۇۋۋىتى قالمايدۇ، ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. توڭلىتىلغان قورۇمىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
2. تاماقنى قازاندىن ئالغاندىن كېيىن ئايرىم قاچىلاپ ساقلاش
تاماق بىلەن قورۇمىنى ئايرىم- ئايرىم قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى يېمەكلىكلەر بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى تاماقنى ئىسسىق ۋاقتىدا ئاۋۋال قايناق سۇدا قاينىتىۋەتكەن تاماق قاچىسىغا سېلىپ، ئاغزىنى يېپىپ، قول كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە بولغاندا، ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك.
3. ئېشىپ قالغان قورۇما ۋە تاماقنى ئىشقا ئېلىۋالماسلىق
ئېشىپ قالغان تاماق- قورۇمىلاردىكى باكتېرىيە يېڭى تەييارلىنىپ ھىم ئېتىلىپ قاچىلانغان تاماق- قورۇمىلاردىن كۆرۈنەرلىك كۆپ بولىدۇ، بىر كېچە تۇرۇپ قالسا، باكتېرىيە تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ.
4. ئىشقا بېرىش يولىدا تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەش
ئەگەر ئىشقا بېرىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولۇپ، ئىككى سائەتتىن ئاشسا، ئەڭ ياخشىسى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس سومكىغا سېلىش، ئىش ئورنىغا بارغاندىن كېيىن، تاماق قاچىسىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
5. تاماقنى يېيىشتىن بۇرۇن تولۇق قىزىتىش
بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاماقنى تولۇق قىزىتقاندىن كېيىن ئاندىن يېيىش، قىزىتىش ۋاقتى ئىككى مىنۇتتىن كەم بولماسلىق، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرى ئوتتا ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق قىزىتىش كېرەك. ئەگەر تاماق ئىسسىمىغان بولسا، بىر ئۆرۈۋېتىپ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزىتسا بولىدۇ.