
«ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 2- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، كارخانىدىن باشقا، پۇقراۋى ئورۇنلار، ياللانما ئىشچى ئىشلەتكەن يەككە سودا- سانائەتچىلەر قاتارلىقلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقانلىرى مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
«كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 3- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن، ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى 12 ئايدىن ئاشقانلىرى مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

چوقۇم بىر ئورۇندا ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى 12 ئايغا توشقاندا، ئاندىن يىللىق دەم ئېلىشنى ئېلىشقا بولامدۇ؟
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «‹كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى›گە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋاب خېتى» (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئالاقىسى [2009] 149-نومۇرلۇق)دە «ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى 12 ئايدىن ئاشقان» دېگەنلىك ھەم ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى بىر ئورۇندا ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى 12 ئايدىن ئاشقان ئەھۋاللارنى ھەم ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى 12 ئايدىن ئاشقان ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېيىلگەن.

يېڭى خىزمەتكە چىققان تۇنجى يىلى يىللىق دەم ئېلىشنى ئېلىشقا بولامدۇ؟
«كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا يېڭىدىن كىرگەن بولسا ھەمدە بۇ چارىنىڭ 3- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، شۇ يىللىق يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانى شۇ ئورۇننىڭ قېپقالغان خىزمەت كۈن سانىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ بېكىتىلىدۇ، سۇندۇرۇپ ھېسابلانغاندىن كېيىن بىر كۈنگە يەتمىگەن قىسمىغا يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.
سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلى: (ئورۇننىڭ شۇ يىلقى قېپقالغان خىزمەت كۈن سانى÷ 365 كۈن)x ئىشچى- خىزمەتچىلەر پۈتۈن يىلدا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانى.

قانداق ئەھۋالدا ئىشچى- خىزمەتچىلەر شۇ يىللىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ؟
ئىشچى- خىزمەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇ يىللىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ:
(1) ئىشچى- خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن بەھرىمەن بولۇپ، دەم ئېلىش كۈن سانى يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىدىن كۆپ بولسا؛
(2) ئىشچى- خىزمەتچىلەر جەمئىي 20 كۈندىن ئارتۇق رۇخسەت سورىغان بولسا ھەمدە ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە مائاشىنى تۇتمىغان بولسا؛
(3) جەمئىي خىزمەت قىلغان ۋاقتى بىر يىلغا توشقان، ئون يىلغا توشمىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر جەمئىي ئىككى ئايدىن ئارتۇق كېسەللىك رۇخسىتى سورىغان بولسا؛
(4) جەمئىي خىزمەت قىلغان ۋاقتى ئون يىلغا توشقان، 20 يىلغا توشمىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر جەمئىي ئۈچ ئايدىن ئارتۇق كېسەللىك رۇخسىتى سورىغان بولسا؛
(5) خىزمەت قىلغىنىغا جەمئىي 20 يىلدىن ئاشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر جەمئىي تۆت ئايدىن ئارتۇق كېسەللىك رۇخسىتى سورىغان بولسا.
سەمىمىي ئەسكەرتىش
ئىشچى- خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن دەم ئېلىش ۋاقتى ھەمدە ئىشتا يارىلىنىپ ئىشتىن توختاپ مائاش ئالغان مەزگىلى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.