تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئون مىڭ مولۇق يىڭخۇا گۈلى دېڭىزىغا بوشلۇقتىن نەزەر

گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيئەن يېڭى رايونى يىڭخۇا گۈلى باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى (3-ئاينىڭ 26-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ لياڭ فوتوسى


    يېقىندا، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيئەن يېڭى رايونىدىكى يىڭخۇا گۈلى باغچىسى ئىچىدىكى 24 مىڭ مو يەردىكى يىڭخۇا گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ چېچەك تاماشاسى، سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. 

    گۇيئەن يېڭى رايونى ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، «چېچەك تاماشاسى + تەتقىقات-ئۆگىنىش» «چېچەك تاماشاسى + دەم ئېلىش» قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق، نوقۇل ھالەتتىكى چېچەك تاماشاسى ساياھىتىنىڭ دەرىجىسىنى بىرىكمە تىپتىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تەسىراتىغا ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى. 2024-يىلى، گۇيئەن يىڭخۇا گۈلى باغچىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي كىرىمى 3 مىليون 130 مىڭ يۈەن بولدى.

ساياھەتچىلەر گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيئەن يېڭى رايونى يىڭخۇا گۈلى باغچىسىدا چېچەك تاماشاسى، سەيلە-ساياھەت قىلماقتا (3-ئاينىڭ 26-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ لياڭ فوتوسى

گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيئەن يېڭى رايونى يىڭخۇا گۈلى باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى (3-ئاينىڭ 26-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ لياڭ فوتوسى

ساياھەتچىلەر گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيئەن يېڭى رايونى يىڭخۇا گۈلى باغچىسىدا چېچەك تاماشاسى، سەيلە-ساياھەت قىلماقتا (3-ئاينىڭ 26-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ لياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگنېتلىقىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.