تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سەككىز ئىش 「ئاسان چارچايدىغان」 بەدەن ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ

   يۇقىرى سىجىللىقتىكى، تېز رېتىملىق خىزمەت، ئۆگىنىشتە ھەممە ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.

   ئەمما، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت كۈندۈزى روھسىز يۈرسىڭىز، كەچتە ئۇخلىيالمىسىڭىز؛ كۈندە خامۇشلا يۈرۈپ ھېچنېمىگە قىزىقمىسىڭىز، ھېچ ئىش قىلمىسىڭىزمۇ، يەنىلا بەك ھارغانلىق ھېس قىلسىڭىز ..... ئۇنداقتا سىز بەلكىم «ئاسان چارچايدىغان» بەدەن ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ قويغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

   «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» (ۋىيشىندا «LT0385»نى ئىزدەپ ئەزا بولسىڭىز بولىدۇ) نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سىزگە ھارغىنلىقنى قانداق يوقىتىشنى ئۆگىتىدۇ.

 سەككىز ئىش ئاسان چارچايدىغان تەن ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ 

   ئادەتتە، بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن، جىسمانىي ۋە روھىي ھارغىنلىق سەل پەسىيىدۇ، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ئارام ئالغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، بەلكىم بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرى سىزنى ئاسان چارچىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

   1/ ئاساسلىق تاماقنى بەك ئاز يېيىش

   جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى خەن دۇڭمېي مۇنداق دېدى: كاربون سۇ بىرىكمىلىرى چوڭ مېڭە، نېرۋىنى تەمىنلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق ماددا، بەك ئاز يېگەندە چوڭ مېڭە، نېرۋىدا يېتەرلىك ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇپ، ئادەمنى ئاسان چارچىتىپ، ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ.

   2/قىزىل گۆش يېمەسلىك

   خەن دۇڭمېي مۇنداق دېدى: قىزىل گۆش تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى مول بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت يېمىگەندە تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېلىپ چىقىپ، ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرۇپ، ماغدۇرسىزلىنىپ، روھسىز بولۇپ قالىدۇ.

   3/ئىنچىكە پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋېلىش

   فۇدەن داشۆ قارىمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گاۋ جيەن مۇنداق دېدى: ئادەم بەدىنىنىڭ گۈرۈچ، ئاق ئۇن، ئاق شېكەر قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان يېمەكلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى سۈمۈرۈش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن قان شېكىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئارقىدىنلا ئىنسۇلىن تېز سۈرئەتتە ئاجرىلىپ چىقىپ، قان شېكىرىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىپ، بىر قەدەر چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ئادەمنى چارچىتىدۇ.

   4/ئۇزاق ئولتۇرۇش

   جۇڭنەن داشۆ شياڭيا 2-دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى شۈ يەن مۇنداق دېدى: ئەگەر ھەر كۈنى ئۇدا ئالتە سائەت ئولتۇرسا، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مۇسكۇل يىگىلەشكە باشلاپ، ھەرىكەت ھالىتىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ؛ يەنە ئورگانىزمنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىپ، چوڭ مېڭە قېنىدىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى تېزلىتىدۇ.

   5/ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەن بولۇش

   شۈ يەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ياكى سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى چوڭ مېڭىنىڭ يېتەرلىك ئارام ئالالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۈندۈزى پەيدا بولغان «كېرەكسىز ماتېرىيال»نى تازىلىيالماي، چوڭ مېڭىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

   6/قىسقا سىننى زىيادە كۆپ كۆرۈش 

   دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ پىسخىكىلىق داۋالاش دوختۇرى، ئالىي دەرىجىلىك پىسخىكا ئوقۇتقۇچىسى ساۋ داگاڭ مۇنداق دېدى: قىسقا سىن ئېلىپ كەلگەن «تېيىز قاتلاملىق» خۇشاللىق ناھايىتى تېز يوقايدۇ، يان تېلېفوننى قويۇپ قويغاندىن كېيىن تېخىمۇ زېرىكىشلىك، مەنىسىزلىك ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى كېچىچە سىن ئىشلىگەندە، نورمال بىئولوگىيەلىك رىتىمغا كاشىلا قىلىپ، نورمال ئىچكى ئاجراتما جەريانىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل يان تېلېفون ئېكرانىغا تىكىلىپ تۇرغاندا، كۆز قۇرغاقلىشىش، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

   7/بەك كۆپ ئاغرىنىش

   ئەسلىدە ئاغرىنىش كەيپىياتىنى ئىپادىلەش ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش ئۈچۈن، لېكىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە ئادەمنى بارغانسېرى چارچىتىۋېتىدۇ.

   دائىم ئاغرىنىش دائىم تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەم ۋە ئىشلارغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ پاسسىپ ئىشلار مېڭىنى قايتا - قايتا غىدىقلاپ، ئادەمنى ئىزچىل غەزەپلەندۈرىدۇ، جىددىيلەشتۈرىدۇ. بەدەن بۇ بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، نورمىدىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ھورمۇننىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   8/زىيادە ئويلىنىش، بەك كۆپ ئويلاش

   جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى گو جىفېڭ مۇنداق دېدى: چوڭ مېڭىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گلۇكوزا شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، نېۋرون قوزغىتىلغاندا، ھۈجەيرىلەر قىل قان تومۇرلار ئارقىلىق ئوكسىگېن ۋە گلۇكوزىنى سۈمۈرىدۇ. ئەگەر زىيادە تەپەككۇر قىلغاندا، تېخىمۇ كۆپ گلۇكوزىنى كۆيدۈرۈپ، چوڭ مېڭىدىكى ئېنېرگىيەنى ئازايتىپ، چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 چارچاش كۆرسەتكۈچىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ 

   پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جەندۇڭ مۇنداق دېدى: دائىم ئاسان چارچاش ھېس قىلىش بەدەن ۋە بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، ھەمدە قالقانسىمان بەز كېسىلى، يۈرەك - ئۆپكە كېسىلى، رېماتىزىم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، قان كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، ئۆسمە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن.

   يۇقىرىقى 30 تۈر ئىچىدە 3 ~ 2 تۈر بار بولسا، يېنىك دەرىجىدە چارچىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؛ 5 ~ 4 تۈر بار بولسا، ئوتتۇرا دەرىجىدە چارچىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؛ 8 ~ 6 تۈر بار بولسا، ئېغىر دەرىجىدە چارچىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە يوشۇرۇن كېسەللىك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ 10 ~ 9 تۈر ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بار بولسا، ئاستا خاراكتېرلىك چارچاش يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

 بۇ ئالتە خىل ئۇسۇل ئاسان چارچايدىغان بەدەن سۈپىتىنى ئۆزگەرتىدۇ 

   ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە سەۋىيەسىنى نۇرغۇن ئامىللار بەلگىلەيدۇ، سىز دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز ھەم سەۋەبىنى تاپالمىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

   ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش

   چوڭلار ھەر كۈنى 500 ~ 300 گىرام كۆكتات ۋە 350 ~ 200 گىرام يېڭى مېۋە - چېۋە ئىستېمال قىلىپ، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كۆپ خىل ۋە يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، ھارغىنلىقنى كۆرۈنەرلىك پەسەيتكىلى بولىدۇ.

   كۈچنى ئاشۇرۇش مەشىقى

   مۇسكۇل مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ئادەمنىڭ ھارغىنلىق ھېس قىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. 40 نەچچە ياشتىن باشلاپ، مۇسكۇللارنىڭ مىقدارى ئازىيىشقا باشلايدۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ چىدامچانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، توسالغۇغا قارشى مەشىق قىلىش ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلەردىكى مۇستەقىللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ھەمدە زېھنىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

   مەسىلەن، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، يەر بېغىرلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە گانتېل، ئېلاستىك تاسما قاتارلىق سايمانلار بىلەن ھەرىكەتنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەمدە تىزلىق، ئوشۇق قاتارلىق قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى تاقاپ، يارىلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈش

   قان ئازلىقتىن باشقا، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىمۇ ئادەمنى داۋاملىق ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار. باشقا چارچاش ۋە قېرىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر يەنە پاركىنسون كېسىلى، يۈرەك زەئىپلىشىش، بۆرەك كېسىلى ۋە راك كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   ئۇيقۇ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش

   ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئامال بار يان تېلېفونغا قارىماسلىق، ھەر كۈنى 8 ~ 7 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، چۈشتە بەك ھېرىپ كەتمىسىمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئېلىش، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇل ۋە نېرۋىلارنى پۈتۈنلەي بوشاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

   ھازىر ئىشلىتىۋاتقان دورىلارنى تەڭشەش

   كۆپ ئۇچرايدىغان نۇرغۇن رېتسېپلىق دورىلار بەدەننىڭ ئېنېرگىيەسىنى خورىتىدۇ، دورىلارنىڭ ئۆزارا تەسىرىمۇ چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەڭشەشكە بولىدۇ.

   ھەر كۈنى بىردەم بىكار ۋاقىت ئاجرىتىش

   ھەر كۈنى 10 مىنۇتتىن يېرىم سائەتكىچە بىكار ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئاپتاپقا قاقلىنىش، چىملىقتا ئولتۇرۇش. ياكى تىنچ مۇھىتتا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، دىققىتىنى نەپەسلىنىشكە قارىتىش.

  بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئاستا خاراكتېرلىك چارچاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى مەخسۇس كېسەل ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى يەن مىڭجې مۇنداق ئەسكەرتتى: بەدەندە چارچاش ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتسە ھەمدە ھەرىكەت مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، ھەرىكەت قىلغان ياكى چارچىغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش تەس بولسا ھەمدە بىئاراملىق تۇيغۇسى 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا (ئۇخلىيالماسلىق، ئۇخلىغاندىن كېيىن ئاسان ئويغىنىش ياكى ئويغانغاندىن كېيىن يەنىلا چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش) ئۈچ يادرولۇق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، ئاستا خاراكتېرلىك چارچاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. ▲

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.