تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھاردىكى تاغ-دەريالار

   مەيىن باھار شامىلى قومۇل شەھىرى ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلارنى ئاستا-ئاستا باھار تۈسىگە كىرگۈزدى.

   چۆل-باياۋاندىكى ئوت-چۆپلەر گەرچە قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن باھار شامىلىدا بوز تورغاي ئۇياقتىن-بۇياققا ئەركىن-ئازادە، ئاستا مېڭىپ، بەزىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئوزۇق ئىزدىسە، بەزىدە راھەت ئارام ئېلىپ، باھارنىڭ سوۋغىسى بولغان تىنچ مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلىناتتى؛ تاغ ئارىسىدىكى تولغىنىپ ئېقىۋاتقان دەريادا سېرىق ئۆردەكلەر بەھۇزۇر ئۈزۈپ، سۇ يۈزىدىكى قاتمۇقات دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، باھار مەنزىرىسىگە ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى.

   بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، تاغ ئارىسىدىكى دەرەخلەر خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ بويىغاندەك كۆرۈنەتتى، شاخلىرى يا يېقىملىق سۇس سېرىق رەڭدە، يا يۇمران قىزغۇچ رەڭدە كۆرۈنۈپ، يېڭىدىغان ئۆسۈۋاتقان نازاكەتلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى. دەريا-ئېقىندا يېشىل ئۆسۈملۈكلەر خالىغانچە يېيىلىپ، سۇ دولقۇنىغا ئەگىشىپ ئىرغاڭلاپ تۇراتتى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ باھاردا ئۆزىنى نامايان قىلاتتى.

فوتوگراف: ساۋ شىنجيا

«كۆرۈنۈشتىكى شىنجاڭ»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.