يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «<ماھارەت ئارقىلىق كەلگۈسىنى يورۇتۇش> تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2025-يىلىدىن باشلاپ 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ماھارەت ئارقىلىق كەلگۈسىنى يورۇتۇش» تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
تەربىيەلەش ھەرىكىتىدە دىققەت ئىش ئورنىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بار يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئەمگەكچىلەر، مەكتەپتىن ئايرىلغان لېكىن تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشسىزلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش پائال قانات يايدۇرۇلىدۇ.
ساغلاملىق كۈتۈنۈش-ھاۋالىلىك بېقىش، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت، يېڭى كەسىپ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بازار ئېھتىياجى ۋە كەسپىي ماھارەت تەلىپى چۆرىدىلىپ، «ئىش ئورنى ئېھتىياجى + ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش + ماھارەتنى باھالاش + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن تۈرلەشتۈرۈلگەن تەربىيەلەش ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ، تەربىيەلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئەمگەكچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ھەرقايسى جايلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى ئېنىقلىشى؛ تەربىيەلەش تۈرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەلالىرىنى تاللاپ بېكىتىشى؛ تۈرلۈك تەربىيەلەش مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، تەربىيەلەش ياردەم پۇلىنى پەرقلىق تارقىتىشى؛ تۈرلۈك سىياسەتلەردىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، تەربىيەلەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى چېن يۈجيې، چاڭ جياڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى