3-ئاينىڭ 26-كۈنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
2024-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتىنى ئېلان قىلدى
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە
2024-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەنھەرىكەتچىلەر
دۇنيا چېمپىيونلۇقىدىن جەمئىي 10نى قولغا كەلتۈرۈپ
كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن
ئەمدى
بىز بىرلىكتە
شىنجاڭ تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ
قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى
ئەن چىشۈەن
تۈر: ئوقيا ئېتىش
نەتىجىسى: 2024-يىللىق ئوقيا ئېتىش دۇنيا لوڭقىسى شاڭخەي بېكىتى ئاياللار تەتۈر ئەگمەچ ئوقيا ئېتىش كوللېكتىپ تۈرىنىڭ چېمپىيونى، 2024-يىللىق ئوقيا ئېتىش دۇنيا لوڭقىسى كورىيە بېكىتى
ئاياللار تەتۈر ئەگمەچ ئوقيا ئېتىش كوللېكتىپ تۈرىنىڭ چېمپىيونى
2024-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن
2024-يىللىق ئوقيا ئېتىش دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە
شىنجاڭ سانجىلىق قىز ئەن چىشۈەن
بىلەن لى جيامەن، شۈ جىيۈندىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى
2024-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئەن چىشۈەن (ئوڭدىن 1-كىشى)، لى جيامەن، شۈ جىيۈندىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن تەنتەنە قىلماقتا. سۈرەت مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
ئاياللار تەتۈر ئەگمەچ ئوقيا ئېتىش كوللېكتىپ تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە
6:2 نەتىجە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى يېڭىپ
چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ
جۇڭگو ئاياللار كوماندىسىنىڭ
بۇ تۈر تارىخىدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش رېكورتىنى ياراتتى
2024-ييىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەن چىشۈەن (سولدىن 1-كىشى)، لى جيامەن، شۈ جىيۈندىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن تەنتەنە قىلماقتا. سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو تەنتەربىيە گېزىتى
ئارقىدىن
2024-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
2024-يىللىق ئوقيا ئېتىش دۇنيا لوڭقىسى كورىيە بېكىتىدىكى مۇسابىقىدە
جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى يەنە 5:4 نەتىجە بىلەن
ئۇدا ئىككىنچى قېتىم كونا رەقىبى كورىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ
چېمپىيون بولدى
بۇلۇر
تۈر: قار تېيىلىش
نەتىجىسى: قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش ياشلار دۇنيا لوڭقىسى نورۋېگىيە مولدې بېكىتى ئەرلەر U20 گۇرۇپپىسى دالا يەككە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش ياشلار دۇنيا لوڭقىسى نورۋېگىيە مولدې بېكىتى ئارىلاش كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، 2025-2024-يىللىق مۇسابىقە پەسلى خەلقئارا قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش بىرلەشمىسى ياشلار دۇنيا لوڭقىسى ئىتالىيە كرېۋاكول بېكىتى قىسقا ئارىلىق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى
2024-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش ياشلار دۇنيا لوڭقىسى
نورۋېگىيە مولدې بېكىتىدە
ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىدىن كەلگەن
شىنجاڭلىق كىچىك ئەزىمەت بۇلۇر
ئەرلەر U20 گۇرۇپپىسى دالا يەككە مۇسابىقىسىدە
چېمپىيون بولۇپ
جۇڭگو قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تۈرىدە
تۇنجى ئەرلەر دۇنيا چېمپىيونىغا ئايلاندى
2024-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭلىق كىچىك ئەزىمەت بۇلۇر (ئوتتۇرىدا) قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش ياشلار دۇنيا لوڭقىسى نورۋېگىيە مولدې بېكىتى مۇسابىقىسىدە، ئەرلەر U20 گۇرۇپپىسىنىڭ دالا يەككە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن
شەخسلەر دالا مۇسابىقىسىدە
چېمپىيون بولۇپ بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە
بۇلۇر جۇڭگو قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش كوماندىسىكى سىدەن يۈجېن بىلەن بىللە
مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى جېڭى − ئارىلاش كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدە
33 مىنۇت 31 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن
يەنە بىر قېتىم چېمپىيون بولدى
2024-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش ياشلار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ نورۋېگىيە مولدې بېكىتى ئارىلاش كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، بۇلۇر سىدەن يۈجېن بىلەن قار تېيىلىش مەيدانىدا بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. جاڭ ياۋخۇا فوتوسى
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
2024-2025-يىللىق مۇسابىقە پەسلى خەلقئارا قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش بىرلەشمىسىنىڭ
تۇنجى بېكەت ياشلار دۇنيا لوڭقىسى ئىتالىيە كىرېۋاكول بېكىتى قىسقا ئارىلىق مۇسابىقىسىدە
بۇلۇر 3 مىنۇت 9 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن
ئەرلەر U20 گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇسابىقىدىن كېيىن بۇلۇر مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن
كابيران ئەبۇشايمان
تۈر: چېلىشىش
نەتىجىسى: كورىيە خەلقئارا چېلىشىش ئاشكارا مۇسابىقىسى ئەرلەر 97 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئەركىن چېلىشىش چېمپىيونى
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
كورىيە خەلقئارا چېلىشىش ئاشكارا مۇسابىقىسى
ئەرلەر 97 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە
تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن كەلگەن
كابيران ئەبۇشايمان
چېمپىيون بولدى
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، كابيران ئەبۇشايمان (ئوتتۇرىدا) ئەرلەر 97 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.
ۋەلىخان سېرىك
تۈر: چېلىشىش
نەتىجىسى: كورىيە خەلقئارا چېلىشىش ئاشكارا مۇسابىقىسى ئەرلەر 67 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە قەدىمچە چېلىشىش چېمپىيونى
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن كەلگەن
ۋەلىخان سېرىك
ئەرلەر 67 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە
چېمپىيون بولدى
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ۋەلىخان سېرىك (ئوتتۇرىدا) ئەرلەر 67 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.
ئاراپات ئۆمەر
تۈر: ئارغامچا سەكرەش
نەتىجىسى: 2024-يىلى جۇڭگو خەلقئارا ئارغامچا سەكرەش ئاشكارا مۇسابىقىسى 30 سېكۇنتتا يەككە ئايلاندۇرۇش (206 قېتىم)، ئۈچ مىنۇتتا يەككە ئايلاندۇرۇش (1016 قېتىم)
تۈرىنىڭ دۇنيا چېمپىيونى
2024-يىلى 10-ئايدا
ئەنخۇيدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئارغامچا سەكرەش ئاشكارا مۇسابىقىسىدە
سانجى شۆيۈەنى ئارغامچا سەكرەش كوماندىسىدىكى بەش نەپەر ئوقۇغۇچى
جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن
تۇنجى قېتىم خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ
ئىككى ئالتۇن مېدال، بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى
ئاراپات ئۆمەر شەرەپ بىلەن
«30 سېكۇنتتا تاق ئايلانمىلىق ئارغامچا سەكرەش (206 قېتىم)»
ۋە «ئۈچ مىنۇتتا تاق ئايلانمىلىق ئارغامچا سەكرەش (1016 قېتىم)»تىن ئىبارەت
ئىككى تۈردە دۇنيا چېمپىيونى بولدى
ئاراپات ئۆمەر (ئوتتۇرىدا) چېمپىيون بولدى. ماتېرىيال سۈرەت
ئالمىرە ئابدۇرېھىم
تۈر: بوكس
نەتىجىسى: 2024-يىللىق دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياللار 70 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسىنىڭ بوكس چېمپىيونى
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى
بۇدېۋاخېيشەندە ئۆتكۈزۈلگەن
2024-يىللىق دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە
جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان
ئاقسۇلۇق كىچىك ماھىر
ئالمىرە ئابدۇرېھىم
ئاياللار 70 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىسىدە
چېمپىيون بولدى

ئالمىرە ئابدۇرېھىم. سۈرەت مەنبەسى: ئاقسۇ شەھىرى نۆل ئارىلىق
بۇ نەتىجىلەر
شىنجاڭ تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى
ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش روھىنى
نامايان قىلىپلا قالماي
يەنە جۇڭگو تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن
نۇرغۇن «شىنجاڭ كۈچى» «شىنجاڭ خۇشاللىقى» ئېلىپ كەلدى
بىز بىرلىكتە
شىنجاڭ تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنى
ئالقىشلايلى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى