− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۈن شاۋلۇڭ، دىڭ شياۋشى، ۋاڭ زىمىڭ
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا يىغىن ئېچىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2025 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن 7 - ئايغىچە پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان توسۇلمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىللارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈگىتىلمىگەن بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىستىل قۇرۇلۇشىدا نېمىنى تۇتۇش، قانداق تۇتۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىدىن ئىبارەت بىر ئۇرۇق بېسىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت پۈتۈن شاھمات جانلاندۇرۇلدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى، پارتىيەمىز ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى كەيپىيات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.
سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە كەيپىياتنى ياخشىلاپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگونى ئۆزگەرتتى.
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش −
«مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بەش يىللىق، ئون يىللىق بەلگىلىمە ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مەزگىل كۈچكە ئىگە پولاتتەك قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە»
2024 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلام - دەرىجىلىك دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى بۇ جايدا ئېچىلدى.
يىغىندىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم قارالما 2024 - يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش بولدى.
«رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاش، ئىدىيەۋى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىشى كېرەك» «تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك»... يېقىندا ئاياغلاشقان پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارغا پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ھەر يىلى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئادەتكە ئايلاندى.
2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. قىسقىغىنا 600 خەتتىن ئاشىدىغان مەزمۇندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يىغىن پائالىيىتى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قائىدە تۇرغۇزۇلدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاشتىكى «بىرىنچى ھەرىكىتى» باشلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشتىكى ئەسلى مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى قانداق تۇتۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلغاندا، <ئىشنى بېجىرىش تەس بولۇش، قەيەردىن قول سېلىشنى بىلەلمەسلىك> مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلاشقانىدى. كېيىن سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى تۇتۇش ئارقىلىق، مەسىلىگە ھەقىقىي تۈردە تېگىش قىلىپ ئۇنى تۈگىتىش قارار قىلىندى».
بەزىلەر يەنە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى پەقەت «ئۆتكۈنچى شامال» دەپ قاراۋاتقان پەيتتە، 2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى» دېگەن خەۋەر ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ تىپىك مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتكە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئون تىپىك مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئالدىنقى قېتىم پەقەت ئورۇن ۋە ۋەزىپىسىنىلا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغانغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا، ئىسىم - فامىلىسى تولۇق ئاتىلىپ، مەسىلە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك چۆچۈتۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىندى.
ھەرىكەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان 12 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، يۆبىڭدىن باشلاپ تۇتۇش، تەبرىك كارتىسىدىن باشلاپ تۇتۇش، پوجاڭزا - ساليۇتتىن باشلاپ تۇتۇشتىن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشلاپ تۇتۇش، «سەككىز سائەتنىڭ سىرتى»دىن باشلاپ تۇتۇش، كۈندىلىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇشقىچە... كونكرېت مەسىلىلەردە بىر - بىرلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىل مەسىلىسىنى تۇتۇشتىكى ئېنىق پىكىر يولىنى، مۇستەھكەم ئېتىقادىنى نامايان قىلدى.
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئارقىلىق جاھىل ئىللەتلەر تۈزىتىلىپ، كونا ئىللەتلەر تۈگىتىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئوبرازلىق ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى «ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسى» دەپ ئاتالدى.
سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەينى چاغدا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا جۇڭگونىڭ ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش قاتارلىق «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەردە دەرۋەقە مۇشۇنداق روشەن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتەلىگەن.
قانداق قىلغاندا بۇ ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسىنى بارغانسېرى جۇلالاندۇرغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل تۈردە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ كەلدى.
پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدىن پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش - تەربىيەسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە... ئۇدا قانات يايدۇرۇلغان پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەلەردە ئىستىل قۇرۇلۇشى باشتىن - ئاخىر مۇھىم مەزمۇن قىلىندى.
پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئىستىل قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە كىرگۈزۈلدى؛ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - يىغىنىدا بىردەك سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى؛ «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» پارتىيەنىڭ ئۈچىنچى تارىخىي قارارىغا كىرگۈزۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبە سۈپىتىدە، تارىخىي ئۆرنەك قىلىنىپ، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىندى...
«مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرى بولۇپ، جەزمەن دائىم بوشاشماي تۇتۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسكىن ۋە جاراڭلىق ھالدا مۇنداق دېدى: «ئون يىل يەتمىسە 20 يىل، 20 يىل يەتمىسە 30 يىل، تاكى ھەقىقىي تۈردە كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات ياراتقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك».
يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى خىرىسقا يۈزلىنىپ، يېڭى قىياپەت نامايان قىلىندى.
2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
«ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. چىرىكلىك قالدۇقلىرى تېخى تازىلانمىدى، ئېشىش مىقدارى يەنىلا سىجىل كۆرۈلۈۋاتىدۇ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر».
يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، «تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، «باشتىن - ئاخىر قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى پولاتتەك قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش، يوشۇرۇن ئۆزگىرىۋاتقان <تۆت خاھىش> مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى گىرەلىشىپ كېتىش ھازىرقى باسقۇچتىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى جەزمەن كۈچەپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلە. بۇ مۇھىم تەلەپ پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە.
2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر يىل، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
بۇ ئاچقۇچلۇق ۋاقىت تۈگۈنىدە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.
ئۆزى ئۈلگە بولۇش −
«ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشى، دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى، بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئىشنى ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك»
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى، ئىشنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسى دەل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش.
2023 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ «باشلامچىسى» بولغان گۇاڭدۇڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
بۇ، باش شۇجىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلدا تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولۇشى. يېقىندا باشلانغان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدە، «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش» مۇھىم مەزمۇن قىلىنغانىدى.
ماۋمىڭ بوچياۋ كەنتىدىكى لىجى دەرىخى ئاستىدا، لىجىنىڭ باھاسى، سېتىلىش يولى، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى تەپسىلىي سورىدى؛ گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقات ئورنىدا سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئەھۋاللارنى ئۆزى بىۋاسىتە ئىگىلەپ، ئىنكاسلارنى بىۋاسىتە ئاڭلاپ، توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشلارنىڭ «ھاياتىي كۈچى» ئۈستىدە ئىزدەندى...
تۆت كۈن ۋاقىتتا، جەنجياڭ، ماۋمىڭدىن گۇاڭجوۋغىچە، غەربتىن شەرققە قاراپ مېڭىپ گۇاڭدۇڭنىڭ غەربىدىكى كەڭ تۇپراقنى كېسىپ ئۆتۈپ، چيۇڭجوۋ دېڭىز بوغۇزى بويىدىن جۇجياڭ دەرياسى ساھىلىغىچە مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھېرىپ چارچىغىنىغا قارىماي، يول بويى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يول بويى پىكىر يۈرگۈزدى.
ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىلىم ئىگىلىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى توختاپ قالمىدى، دۆلەت ئىچىدە يۈز نەچچە قېتىم تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا قەدەم ئىزلىرى كەڭ تارقالدى، سىيماسى داۋاملىق خەلقنىڭ ئارىسىدا بولدى، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈردى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەردى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇش ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
ئۆزى ئۈلگە بولۇشنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلدى.
تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا ئەزەلدىن سەپەرگە يېنىك ئاتلاندى، ياتاقنى ئاددىي ئورۇنلاشتۇردى، زىيارەتكە چىققاندا تاشقى ئىشلار بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى ... باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يېرىم - يارتا ئىش قىلماي، ئۆزگەرتىۋەتمەي، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇستەھكەم ئېتىقادنى نامايان قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.
كادىرلار ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى چىڭ تۇتۇش.
يىسى يىلان يىلى ھارپىسىدا، شەنخەيگۇەننىڭ سىرتى قار - مۇز بىلەن قاپلانغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىمالغا سەپەر قىلىپ، لياۋنىڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
«مەن سىلەرنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم، شۇ مەزگىلدە ھەر كۈنى سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ تۇردۇم.» لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان تۇنجى بېكىتىدە، باش شۇجى پويىز، ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، بۇلتۇر كەلكۈن ئاپىتىدە ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان خۇلۇداۋغا كەلدى.
كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەر كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە −
يۈننەن لۇديەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، يولنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي يەر تەۋرەش يۈزبەرگەن جىلغىغا كەلدى، خارابىلىككە تولغان ھويلىلارغا كىرىپ، يەر تەۋرەشتە ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى سورىدى؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ مۈشكۈل باسقۇچىدا، ۋۇخەنگە بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى؛ سەنشى ئاز كۆرۈلىدىغان كۈزلۈك كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، يېغىۋاتقان قارغا قارىماي لىنفېن شەھىرىگە كېلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى...
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپەت رايونىغا قايتا - قايتا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى، غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «مەن خەلقنىڭ خىزمەتكارى» دېگەن سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فىكو بىلەن كۆرۈشتى. فىكو مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «سىز جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندا، قانداق ھېسسىياتتا بولغانىدىڭىز؟»
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتتە مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېغىر، خىزمەت ئىنتايىن مۈشكۈل. مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن. مەن <ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش>تەك ھالەتنى ساقلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاشنى خالايمەن».
ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولغانلار باشقىلارنى قايىل قىلالايدۇ، سۆزى ئارقىلىق ئۈلگە بولغانلار باشقىلارنى قايىل قىلالمايدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش جەھەتتە، نىشانلىق ئىش كۆرۈپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئەھمىيەت بەردى؛ يىغىن، پائالىيەتلەرنى ئىخچاملاش جەھەتتە، مۇھىم يىغىن، پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى مەنبەدىن تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ يىغىن، پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقتى، كۆلىمى، ئۆلچىمىنى قاتتىق تىزگىنلىدى؛ ھۆججەت، قىسقا ئۇچۇرلارنى ئىخچاملاش جەھەتتە، مەركەزنىڭ نىزام خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىگە قارىتا يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، «قىسقا، ئەمەلىي، يېڭى» بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھۆججەت تارقىتىشتىن ساقلاندى...
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى باشقا يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھە، تارماقلارنىڭ ۋە تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيە ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
بوشاشماي كۈرەش قىلىش −
«سالماقنى ساقلاپ، چىدامچانلىقنى ساقلاپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىستىل قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك»
«تەيشەن تېغىنىڭ قاپتىلىدا <ئارامبەخش ئۈچ چاقىرىملىق يول> دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈز يول بار، بەزى كىشىلەر تاغقا يامىشىپ ھېرىپ قالغاندا، بۇ جايدا ئارام ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، يۈك توشۇغۇچىلار ئادەتتە بۇ جايدا ئۇزاق تۇرمايدۇ، چۈنكى ئارام ئېلىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، پۇتى <ھۇرۇنلىشىپ> قېلىپ، <18 ئەگىم>گە چىقىشى تېخىمۇ قىيىنغا توختايدۇ».
پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، پارتىيە ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر تەسىرلىك ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق «ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئاددىي داۋلىنى ئىزاھلىدى.
باشقۇرۇش ئارقىلىق ئادەت يېتىلدۈردى، تۇتۇش ئارقىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات ياراتتى.
يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىستىلدىكى جاھىل كېسەللەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا تۈزەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.
«سىياسىي يوشۇرۇن قائىدە»نى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئىستىل»نى قاتتىق تۈزەش ئارقىلىق پاك - دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملىدى −
2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق <تۆت خاھىش>نى تۈزەپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان توسۇلمىغان بەزى ناتوغرا خاھىشلارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈگىتىلمىگەن بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزەتتۇق. ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى كەيپىيات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە، ھىمايىسىگە ئېرىشتۇق».
يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى.
ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى قاتتىق ئۆلچەم ۋە قاتتىق بولۇش كەيپىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى:
بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل بېرىش - ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تۈزەپ، تېز يوللانما ئارقىلىق سوۋغات بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق يوشۇرۇن ئۆزگىرىۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئىشخانا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى بوشاشماي چىڭ تۇتتى، بىر قاتار ناتوغرا ئىستىل، كونا ئىللەتلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئۇر - ئۇرغا قالغان «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان»غا ئايلاندى؛
«يېرىم - يارتا قۇرۇلۇش» «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى» قىلىش ھەمدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، يېرىم - يارتا ئىش قىلىش، زىيادە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قۇرۇق شوئار توۋلاش، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، زور بىر تۈركۈم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى؛
يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ۋە «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى» چىقىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ ئارقىسىدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش مۇداپىئە سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق بىلدۈردى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە سىياسىي ئېكولوگىيەنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، كۆپچىلىككە ئەمەلىي، ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇردى.
«كىچىك بۆسۈش ئېغىزى» ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى −
2025 - يىلى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى.
«ياتاققا كىرگەندە، ئۈستەلگە تىزىلغان <يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاش، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىش خىزمەت قائىدىسى> كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىكى تەلەپلەر ھەم ئېنىق، ھەم كونكرېت ئىكەن.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ جاۋلى مۇنداق بىلدۈردى: يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، ئاددىي - ساددا، ئەمەلىي بولغان يىغىن ئىستىلى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، شۇنداقلا پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك.
ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەسلىك، مىنېرال سۇ قويۇلغان جايغا «سۇنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى» بەلگىسى ئورنىتىش، «تاماقنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى تەشەببۇس قىلىش، ياتاق سانىنى ئازايتىش، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش... مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، تېجەشلىك بولۇش ئىستىلى ھەممە جايدا نامايان قىلىندى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى يىغىن ئىستىلىنى ساپلاشتۇرۇش، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.
ياخشى يىغىن ئىستىلى ياخشى ئىستىلنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، «تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» ئىدىيەسى قەلبلەردىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
«كىچىك تەخسىلىك قورۇمىلار تېخىمۇ مۇۋاپىق بوپتۇ» «ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى قاچىلاپ ئېلىپ كېتەيلى»، ئاشخانىدىكى دىيالوگلار كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈردى؛ يۆبىڭ، چوڭ قىسقۇچپاقا قاتارلىق ئىلگىرىكى «يۇقىرى باھا»لىق ياتلاشقان يېمەكلىكلەر «خەلققە يېقىن بولۇش» يولىغا قايتىپ كەلدى؛ توي - تۆكۈننى يېڭىچە ئۆتكۈزۈش، دەپنە ئىشلىرىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈشنى بارغانسېرى كۆپ كىشى قوبۇل قىلدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجان بىلەن «ئىلگىرى كىمنىڭ ئاپتوموبىلى ياخشى دەپ بەسلىشەتتۇق، ھازىر كىمنىڭ ۋىيشىن قەدەم سانىنىڭ كۆپلىكىدە بەسلىشىدىغان بولدۇق» دېيىشتى...
سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئېلىپ كەلگەن ئىستىلدىكى ئۆزگىرىش جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشىغا كونكرېت ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.
ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى «يۈك»تىن قۇتۇلۇپ، «جۇڭگونى ئىدارە قىلىش»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −
2024 - يىلى كەچ كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇب سەپىرىدە خۇبېيغا باردى. شيەننىڭ شەھىرى جيايۈ ناھىيەسىنىڭ پەنجياۋەن بازىرى سىيى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، تامغا چاپلانغان «ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىش تىزىملىكى» باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«ئىلگىرى ئاممىدىن كۆپرەك ئىش قىلىش تەلەپ قىلىناتتى، ھازىر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىغا كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىدىغان، مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى، بۇ، بىر تۈپ ئۆزگىرىش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».
يېنىكلىتىشكە تېگىشلىك يۈكنى يېنىكلەتكەندىلا، ئاندىن زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ ھەقتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا يېزا - كەنت، مەھەللە قاتارلىقلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلدى.
چۇڭچىڭدا مەھەللە مەلۇمات جەدۋىلىنى كۆرگەندە، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ھەممىلا ئىشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى؛ چىڭخەيدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى توغرىسىدا توختالغاندا «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» دەپ جىددىي تەكىتلىدى؛ گەنسۇدا يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمىنى سورىغاندا «پايدىلىق ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ئەھمىيەتسىز كۈچ سەرپ قىلىشنى ئازايتىشتا يۇقىرى - تۆۋەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى...
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئاساسىي قاتلامنى چۈشەكتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان، كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشىنى تىكلەشكە يېتەكلىدى.
«ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»نى بېكىتىشتىن «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقىتىشقىچە، مەركەز بىر قاتار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. «بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش» «بىر جەدۋەلدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشتىن يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ «پۇشتەك چېلىپ» ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى، تەكشۈرۈپ باھالاش ھوقۇقى، كادىرلار ئىشلىرى بويىچە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىر گۇرۇپپا ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار دەل بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ جانلىق تەسۋىرى:
ئاساسىي قاتلامدىكى «قالايمىقان ۋىۋىسكا ئېسىش» مەسىلىسى تۈزىتىلىپ، كەنت (مەھەللە) ئىش بېجىرىش سورۇنىنىڭ سىرتىغا ئېسىلىدىغان تۈرلۈك ۋىۋىسكىلارنىڭ تۆتتىن ئالتىگىچە بولۇشى قېلىپلاشتۇرۇلدى؛
ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن بايرام - تەبرىكلەش، كۆرگەزمە، مۇنبەر پائالىيەتلىرىنىڭ سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %46.3، %65.2، %48.3 ئازايتىلدى؛
...
بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئورگانلاردىن چىقىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقنى بىرىنچى سەپتە تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى.
ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ.
ھازىر، «ئادەمگەرچىلىك جەمئىيىتى» «ئابرۇي مەدەنىيىتى» ئادىتى تېخى يوقالمىدى، بەزى «ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى يوشۇرۇن قائىدە»لەرنىڭ قالدۇقى يەنىلا مەۋجۇت، بەزى جايلارنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەشتە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىشى» «ئۆزگەرتىۋېتىشى» يېڭى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىكنى پەيدا قىلىدىغان جەمئىيەت مەدەنىيىتى تۇپرىقى تۈپتىن يوقىتىلمىدى، ئىستىلنى ياخشىلاش يولىدا توسالغۇ كۆپ ھەم يول ئۇزۇن، يەنىلا بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىپ بىر ھەپتە بولغاندا، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ، يۈننەن ئىككى جايغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
گۇيجوۋدا «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك» «پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛
يۈننەندە «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام جازاسىغا ئالاقىدار قائىدە - نىزاملارنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، مەركەزلىك تۈزەش ئۈچۈن ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى پۇختىلىشى كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى...
دىققەت ئەمدىلا باشلانغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق مۇھىم نۇقتىنى سىزىپ بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت روشەن سىگنالنى يەتكۈزدى.
دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ھالقىدۇق بىز ئېگىز تاغلار ئۈستىدىن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى −
سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى يەنە داۋاملىق ئۆزگەرتىدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)