كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كىرىشى بىلەن، 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا قار-يامغۇرلۇق، قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، شۇ كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش جاي ئىللىق قۇياش نۇرىدا 3-ئايدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتىنى ياراتتى.
3-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەتلىك ئون مېتېئورولوگىيە پونكىتىدا تېمپېراتۇرا 3-ئايلىق ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. سۈرەت: جۇڭگو مېتېئورولوگىيە قانىلىنىڭ مېتېئورولوگىيە ئانالىزچىسى شىن شىن ۋېيبوسى
جۇڭگو مېتېئورولوگىيە قانىلىنىڭ مېتېئورولوگىيە ئانالىزچىسى شىن شىننىڭ ۋىيبوسىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭدا 3-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بەش جاي ئايرىم-ئايرىم ھالدا خوتەن (31.4 سېلسىيە گىرادۇس)، لوپ (31.4 سېلسىيە گىرادۇس)، قاراقاش (31.2 سېلسىيە گىرادۇس)، ئاتۇش (29.3 سېلسىيە گىرادۇس)، ئاقچى (24.4 سېلسىيە گىرادۇس) بولغان.
ئەمدى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ يۆتكىلىپ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى «باش يازنى ھېس قىلىش»مۇ ئاخىرلىشىپ، سوغۇق ۋە ئىللىق ئىككى قۇتۇپنىڭ تەتۈر ئايلىنىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، تېمپېراتۇرا بىۋاسىتە 30 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ.
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇمات سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ قېتىمقى ئىللىق ئىسسىق ھاۋا رايى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ خوتەن قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەشكە باشلىغان، 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ياكى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تۆۋەنلەش دەرىجىسى 20 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن، مەسىلەن: خوتەندە تېمپېراتۇرا 9.5 سېلسىيە گىرادۇسقا، لوپتا 9.4 سېلسىيە گىرادۇسقا، ئاتۇشتا 7 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى