بۈگۈن ئەتىگەن سىرتقا چىقىپ گۇمانلىنىپ قالدىم
ئۈرۈمچىنىڭ باھارغا كىرىشى مەغلۇپ بولدىمۇ؟
تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدىلا ئىللىق قۇياش نۇرى پارلاپ
ھەممە يەر باھار پەيزىگە چۆمگەنىدى
بۈگۈن مانا قاتتىق قار ياغدى



3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەندە تارتىلغان سۈرەت
لېكىن، مېترو 1-لىنىيەسىگە قەدەم قويغىنىمدا
ھال رەڭ ئۆرۈك چېچىكى رەڭگىدە بېزەلگەن پويىز
باھاردىن لىباس كىيىپ غۇيۇلداپ يېتىپ كەلگەندە
خۇددى ماڭا
«ھەي، گۇمان قىلماڭ، باھار كەلدى!»
دەۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم

بۇ، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى
ئۈرۈمچى مېتروسى بىلەن بىرلىكتە يولغا قويغان
شەھەر ئۆرۈك چېچىكى مەخسۇس پويىزى بولۇپ
مېترو 1-لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناشنى باشلىدى
ۋاگون ئىچىدە ئىنچىكە تەپسىلاتلار بەك كۆپ
قېنى بىللە كۆرۈپ باقايلى

پويىز ئاستا-ئاستا مىترو بېكىتىگە كىردى
پويىزنىڭ ئىشىكى ئېچىلغان شۇ پەيتتە
خۇددى ئۆزىڭىزنى چېچەكلەر ئارىسىدا
ئۆزگىچە گۈل-چېچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز
پاراۋۇز، ۋاگون ئۇلانمىسى، دېرىزىنىڭ ئۈستى تەرىپى
كارىدور، يۈك-تاق قويۇشقا قولاي بوش يەر،
پولنىڭ ئۈستى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى
تۇرپاننىڭ ئۆرۈك چېچىكى پەسلىگە ئالاقىدار ئېلېمېنتلار بىلەن تولغان بولۇپ
ئۆرۈك چېچەكلىرى يەردىن «ئېچىلغانچە» تاكى پويىز بېشىغىچە
ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى



ئەڭ مۇكەممەل بولغان مەززىلىك تائاملار خەرىتىسى
ئوت يۇرتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ھارىقى قورۇقى
راھەت ئائىلىۋى مېھمانخانا
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى توغرىسىدىكى بىلىملەر...
بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاگون ئىچىدە تۇرۇپ
بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا ئېرىشكىلى بولىدۇ!

ھەر بىر ۋاگوندىكى ئېلېمېنتلار، سۈرەتلەر ئوخشاش ئەمەس
بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كېلىپ
داكا قىلىپ كۆرۈشىڭىزنى كۈتمەكتە
ps: ئۆرۈك چېچىكى مەخسۇس مېترو پويىزىنىڭ مۇقىم يولغا چىقىش ۋاقتى يوق، تاساددىپىي ئۇچرىتىپ قالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى تۇيۇقسىز خۇشاللىق.

ئۆرۈك چېچىكى مېترو پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ئەڭ گۈزەل باھارنى داكا قىلىڭ، باھاردا <بىز بىللە بېرىپ ئوينايلى> دېگەننى <بىز بىرلىكتە تۇرپانغا بېرىپ ئۆرۈك چېچىكى كۆرەيلى> دېگەنگە ئۆزگەرتىڭ!
«شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار، گۈلگە پۈركەنگەن تۇرپان» 2025-يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلىنىپ، 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاساسىي يىغىن مەيدانى توقسۇن ناھىيەسىدە! شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكى، خۇنەن كۈنجۈي تىياتىرى ئۆمىكى نەق مەيدانغا بارىدۇ، ئۆرۈك چېچىكى شېئىرىيەت يىغىلىشى، لەگلەك ئۇچۇرۇش، دارۋازلىق ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى، «توقسۇندا ئۆرۈك چېچەكلىدى» ناملىق مۇزىكا كېچىلىكى، ئوتلاق مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەر نۆۋەت بىلەن ئورۇنلىنىدۇ.