تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

چەۋەنداز قىز گۈلەيسە پامىردا ماھارىتىنى نامايان قىلدى

گۈلەيسە دىخان شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى بەيگە مەيدانىدا 5000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسىگە قاتناشماقتا (3-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خۇڭيەن فوتوسى

شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تاشقورغان ناھىيەسى دېيىلدى) پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان. بۇ يەردە چارۋىچىلىق مەيدانلىرى كۆپ، ئات بەيگىسى خەلق ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان تەنتەربىيە ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەتىيازلىق گۈل سەيلىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى تاشقورغان ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. 5000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسىدە 22 ياشلىق گۈلەيسە دىخان گۇرۇپپا بويىچە 3-بولۇپ مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. نەق مەيدان رىياسەتچىسى: «ناھىيە بويىچە تۇنجى ئايال چەۋەندازغا چاۋاك چېلىپ ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!» دەپ ئېلان قىلدى. گۈلەيسە ھاياجانلانغان ھالدا ئېتىنى يېتىلەپ مەيداننى ئايلاندى، ئولىشىۋالغان ساياھەتچىلەر، شۇ يەردىكى يۇرتداشلىرى ئالقىش ياڭراتتى.

گۈلەيسەنىڭ بوۋىسى، دادىسى، چوڭ ئاكىسى داڭقى چىققان چەۋەندازلار ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا چەۋەندازلىقنى كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، ئات مىنىشنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى. دادىسىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان، چوڭ ئاكىسى خىزمەت بىلەن ئالدىراش، ئىنىسى مەكتەپتە بولغاچقا، ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ جەمەتىنىڭ شان-شەرىپىگە ۋارىسلىق قىلدى.

گۈلەيسە تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. گۈلەيسە بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەكتەپ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىغا تاللانغان، مەكتەپكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ بويىچە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەم قىزلارنىڭ 5000 مېتىرلىق، 10 مىڭ مېتىرلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم چېمپىيون بولغان.

بۇلتۇر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گۈلەيسە يۇرتىغا قايتىپ، نۇرغۇن چوڭلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات كۆندۈرۈش، ئات بەيگىسى ماھارىتىنى ئۆگەندى. گۈلەيسە ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئەتىگەن، چۈش، كەچتىكى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنى تاماملىدى، سوغۇق ياكى ئسسسىق بولسۇن، تاكى بۇ يىل مۇسابىقىگە قاتناشقىچە توختاپ قالمىدى.

گۈلەيسە تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچ ئېلىشنى ئۆگىنىۋالدى. «كىشىلىك ھاياتتا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!» ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قىزلارمۇ ئات بەيگىسى ھەرىكىتىنىڭ ۋارىسى بولالايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى بەيگە مەيدانىدا، گۈلەيسە دىخان ئات بەيگىسىدىن بۇرۇن بەدەن قىزدۇرماقتا (3-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

گۈلەيسە دىخان (سولدىن ئىككىنچى) شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى بەيگە مەيدانىدا، 5000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا (3-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

بۇ، شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسى سارجىلغا كەنتىدە تارتىلغان ئات كۆندۈرۈش جەريانىدىكى گۈلەيسە دىخان (3-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسى سارجىلغا كەنتىدە، گۈلەيسە دىخان (ئوڭدا) سىرتقا ئات كۆندۈرگىلى چىقىش ئالدىدا، دادىسى ئات چۇلۋۇرىنىڭ مۇستەھكەم بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە (3-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).   شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

بىرىكتۈرمە سۈرەت: سولدىن ئوڭغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۈلەيسە دىخاننىڭ بوۋىسى (3-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرەتنى سۈرەتكە تارتقان ماتېرىيال سۈرەت)، گۈلەيسە (3-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان)، دادىسىنىڭ ياش ۋاقتىدا ئات مىنگەندىكى سۈرىتى (3-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈرەتنى سۈرەتكە تارتقان ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسى سارجىلغا كەنتىدە، گۈلەيسە دىخان ئېتىنىڭ مويىنى تارىماقتا (3-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسى سارجىلغا كەنتىدە، گۈلەيسە دىخان (سولدا) ئانىسى بىلەن بىللە (3-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسى سارجىلغا كەنتىدە چۈشتە تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ كەتكەچكە، گۈلەيسە دىخان بىر بوغاز ئاتنىڭ ئىسسىق ساقلاش يوتقىنىنى ئېلىۋەتمەكتە (3-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان).  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى بەيگە مەيدانىدا، گۈلەيسە دىخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى (سولدا) ئات بەيگىسىدىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇسابىقىنىڭ تەپسىلاتىنى قايتا چۈشەندۈرۈپ، كۈچەش ماھارىتىنى ئۆگەتمەكتە (3-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.