تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بەك «ئوماق» پەرق! مەن ئۈرۈمچىدە قار سەيلىسى قىلىۋاتىمەن، سىز تۇرپاندا چېچەك سەيلىسى قىلىۋاتىسىز

3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

   3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ باھار كۈنلىرىگگ تۇيۇقسىز كەلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەرىپىدىن «ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى، لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارلار بۇ شەھەرگە يەنە بىر قېتىم كۈمۈش لىباس كىيگۈزدى، خۇددى قىشتىكى رومانتىك مەنزىرە ئەزەلدىن بۇ يەردىن ئايرىلمىغاندەك تۇيغۇ بەردى.  

   ھالبۇكى، بۇ چاغدا تۇرپاننىڭ مەنزىرىسى باشقىچە ئىدى. نەچچە ئون مىڭ مو يەردىكى ئۆرۈك چېچىكى بەس ـ بەستە ئېچىلىپ، ئاق رەڭلىك، ھال رەڭلىك گۈل دېڭىزى بۇلۇت ۋە شەپەق نۇرىدەك گۈزەل ئىدى.   

   بىر تەرەپتە ئۈرۈمچىدە ياغقان قارلار جىمجىت ھەم رومانتىك ئىدى؛ يەنە بىر تەرەپتە تۇرپاندىكى چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. ئوخشاش بىر ئاسمان ئاستىدا، ئىككى شەھەردە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باھار كۈيى ياڭرىدى.

 مۇشۇ چاغدىكى ئۈرۈمچى 

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچاۋ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسى سىياھ رەسىمدەك گۈزەل بولۇپ كەتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدىكى جۇڭگوچە ئىشىك-دېرىزىلەر گۈزەل شاخلار ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا تۈۋرۈكلىرىگە مۇز ئېسىلغان تامغا يەنە بىر قەۋەت قار يېغىپ كەتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

 مۇشۇ چاغدىكى تۇرپان 

ساياھەتچى يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا باھار سەيلىسى قىلماقتا. ليۇ جيەن فوتوسى

ساياھەتچىلەر يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا باھار سەيلىسى قىلماقتا. ليۇ جيەن فوتوسى

تۇرپان شەھىرى بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا ئۆرۈك چېچىكى ئېچىلدى. ئادىل ئابلىمىت فوتوسى

«كۆرۈنۈشتىكى شىنجاڭ»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.