يېقىندا، پامىر ئېگىزلىكىدە تېمپېراتۇرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بەيشاخۇ كۆلى «كۆلنىڭ يېرىمىدا پارچە-پارچە مۇز لەيلىگەن، يېرىمىدا باھار تۈسى جىلۋىلەنگەن» ئۆزگىچە مەنزىرە نامايان بولدى، كۆل يۈزىدىكى مۇز قاتلىمى ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئاستا-ئاستا ئېرىپ، كۆپكۆك كۆل سۈيى بىلەن لەيلەپ يۈرگەن پارچە-پارچە مۇزلار گىرەلىشىپ، باش باھاردىكى رومانتىك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. كۆل يۈزىگە يىراقتىن نەزەر سالغاندا، مەرۋايىتتەك پارچە مۇزلار خۇددى چېچىلىپ ياتقان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش، دولقۇنلاپ تۇرغان كۆل سۈيى بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشىدۇ، كۆلدە قىشتىكى قەھرىتان سوغۇقنىڭ شېئىرىي تۈسى ساقلانغان ھەم باھارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ۋە ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ باھاردىكى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئاجايىپ مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى 3-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ۋاقىت بەيشاخۇ كۆلىنىڭ «مۇز بىلەن سۇ يۇغۇرۇلۇش»تەك تىپىك ئۆتكۈنچى مەزگىلى ئىكەن. بۇ خىل «قوش يۈزلۈك ئەينەك كۆل» ھادىسىسى ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ سەۋەبىدىن بولىدىكەن. كۆلنىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ تەسكەي تەرىپى سوغۇق ھاۋانىڭ ئايلىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدىكەن، غەربىي قىرغاقتىكى كۈنگەي يانتۇلۇقنىڭ چىڭقى چۈش ۋاقتىدىكى تېمپېراتۇرىسى 12 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر ئاستىدىكى ئارشاڭنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن، قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشى تېزلىشىدىكەن. كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر كۆل يۈزىدىكى مۇزلار كۈنىگە 15 مېتىردىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن غەربتىن شەرققە قاراپ ئېرىۋېتىپتۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئىككى ھەپتىدە پۈتۈنلەي ئېرىپ بولىدىكەن. باھار مەنزىرىسىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، تەبىئەت سىزغان بۇ «مۇز سۈيى تەيجى خەرىتىسى» بەيشاخۇ كۆلىنىڭ باھاردىكى ئېكولوگىيە ساياھىتىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلىنىدىكەن.
(قىزىلسۇ يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ئايسالقىن بەكتۇر، دۇ شياۋشۈەن، ليۇ شىننىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ زىلۇڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى