يېقىندا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلار سۇنغان «مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەي ھەق تۆلەش» ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ھېسابات نومۇرىدىكى پۇلىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەرزنى كۆپلەپ تاپشۇرۇۋالغان. ئىستېمالچىلارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى كەڭ ئىستېمالچىلارنى توردا مال سېتىۋالغاندا يان تېلېفوننىڭ «مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەي ھەق تۆلەش» ئىقتىدارىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشكە، ھېسابات نومۇرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى زىيادە ئېچىۋېتىش سەۋەبلىك پۇلى زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشقا ئەسكەرتتى.
نېمە ئۈچۈن «مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەي ھەق تۆلەش» ئاسانلا پۇلنى ئوغرىلاپ كېتىشتىكى يوچۇققا ئايلىنىپ قالدى؟
«مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەي ھەق تۆلەش» (يەنى «مەخپىي نومۇر ئىشلەتمەيلا ھەق تۆلەشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش») ئىقتىدارى بەزى ھەق تۆلەش سۇپىلىرى ياكى ئەمەلىي قوللىنىش سۇپىلىرى ھەق تۆلەشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىقتىدار بولۇپ، ئابۇنىچىلار ئۇنى ئاچقاندىن كېيىن، يەككە سودا سوممىسى بەلگىلەنگەن چەك ئىچىدە بىۋاسىتە تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ھالبۇكى، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ كەتسە، ئېغىر دەرىجىدە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
بىرىنچى، يان تېلېفون يىتىپ كەتكەن ياكى ھېسابات نومۇرى ئاشكارىلىنىپ قالغان (ئالما ماركىلىق يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرى) ۋاقىتتا خەۋپ-خەتەر تېز ئاشىدۇ. ئەگەر باشقىلار يان تېلېفون ئىگىسىنىڭ ھېسابات نومۇرى ياكى يان تېلېفونىنى قولغا چۈشۈرسە، «مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەي ھەق تۆلەش» ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىستېمال قىلالايدۇ ياكى مەۋھۇم مۇلازىمەت سېتىۋالالايدۇ، بۇنىڭدا 2-قېتىم دەلىللەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
ئىككىنچى، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەي ئاز سوممىلىق ھەق تۆلەش جۇغلانسا كۆپ سوممىلىق زىيان پەيدا قىلىدۇ. بەزى سۇپىلار مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزمەي ھەق تۆلەشتە يەككە سودا سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى (مەسىلەن: 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولۇش) بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم ئاز سوممىلىق ئوغرىلاپ كېتىش سودىسى يۈز بەرسە، بىر قەدەر زور ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقىدۇ.
ئۈچىنچى، يوشۇرۇنۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ۋاقتىدا بايقاش تەس. ئوغرىلاپ كېتىش سودىسى ئادەتتە ھەق تۆلەش سۇپىسىغا باغلانغان مەۋھۇم مۇلازىمەت (مەسىلەن: ئويۇن ئويناش ئۈچۈن قىممەت تولۇقلاش، Appگە مۇشتەرى بولۇش) ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى يان تېلېفون ئىگىسى سەھەردە ئېغىر ئۇيقۇدىكى ۋاقتىدا تاماملىنىدۇ، ئىستېمالچىلار بايقىغان ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن كۆپ قېتىم ھەق تۆلەنگەن بولىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى