تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​«ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»نى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى​

«ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»نى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

2025 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 802 - نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يېقىندا، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى نىزامغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سوئال: نىزامنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز.

جاۋاب: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا: كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئېنىق كۆرسىتىلدى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نىزام 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلىم ھېسابات كۆلىمى كۆپىيىپ، ھېسابات قەرەلى ئۇزىراپ، «ھالقىسىمان قەرز» ھادىسىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولدى، نىزامنى يولغا قويۇش يەنە: بىرىنچى، خىزمەت مېخانىزمى تاكامۇللاشماسلىق، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى دېگەندەك ئېنىق بولماسلىق، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەدبىرلىرى دېگەندەك مۇكەممەل بولماسلىق؛ ئىككىنچى، ئالاقىدار ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ پۇل بېرىش جاۋابكارلىقى دېگەندەك كونكرېت بولماسلىق، كاپالەت تەدبىرلىرى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىق؛ ئۈچىنچى، بەزى تۈزۈم - تەدبىرلەر نىسبەتەن پىرىنسىپال بولۇش، قانۇن جاۋابكارلىقى دېگەندەك تاكامۇللاشماسلىقتىن ئىبارەت ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. شۇڭا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نىزامنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر.

سوئال: نىزامنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى نېمە؟

جاۋاب: بۇ قېتىم نىزامنى ئۆزگەرتىشتە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇمىي پىكىر يولى جەھەتتە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئەمەل قىلىندى: بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلدى، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئىككىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلدى، دىققەت كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشتا دۇچ كەلگەن توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى ھەم ئۈنۈملۈك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللار نىزام، تۈزۈم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ئۈچىنچى، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ پۇل بېرىشتىكى جاۋابكارلىقى كۈچەيتىلىپ، پۇل بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقى زورايتىلدى. تۆتىنچى، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇلدى، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپنىڭ مۇناسىۋىتى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىنىپ، سودا ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىنىپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە زورايتىش ھەم ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ياخشى ئىشلىنىپ، تۈزۈم بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى.

سوئال: ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، نىزامدا قانداق خىزمەت پىرىنسىپى ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزملار بېكىتىلدى؟

جاۋاب: بىرىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇل بېرىش ئاساسىي گەۋدىسى مەسئۇل بولۇش، ساھە قائىدىسى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، جەمئىيەت ماسلىشىپ نازارەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى. ئىككىنچى، دۆلەت ۋە يەرلىك قاتلىمىدىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار ھەم تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش - تىرانسپورت، سۇچىلىق، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. تۆتىنچى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، چاقىرتىپ سۆزلىشىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش سالمىقىنى زورايتىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى.

سوئال: نىزامدا پۇل بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇل بېرىش جاۋابكارلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە قانداق يېڭى بەلگىلىمىلەر بار؟

جاۋاب: نىزامدا «پۇل بېرىش بەلگىلىمىسى»گە ئائىت مەخسۇس باب تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن ئۆزگەرتىلدى: بىرىنچى، پۇل بېرىش مۇددىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ پۇل بېرىش مۇددىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مال، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەت تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە پۇل بېرىشى كېرەكلىكى؛ توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدىغانلىقى، لېكىن ساھە قائىدىسى، سودا ئادىتى بويىچە پۇل بېرىش مۇددىتىنى مۇۋاپىق پۈتۈشۈش ھەم پۇلنى ۋاقتىدا بېرىش كېرەكلىكى، 3 - تەرەپ بېرىدىغان پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پۇل بېرىش شەرتى قىلىشقا ياكى 3 - تەرەپنىڭ پۇل بېرىش سۈرئىتى نىسبىتى بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پۇل بېرىشنى پۈتۈشۈشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئىككىنچى، غەيرىي نەق پۇل بېرىش ئۇسۇلى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى سودا پېرېۋوت چېكى، ئېلىم ھېساباتىدىكى پۇل ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى قاتارلىق غەيرىي نەق پۇل بېرىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقى، سودا پېرېۋوت چېكى، ئېلىم ھېساباتىدىكى پۇل ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى قاتارلىق غەيرىي نەق پۇل بېرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ پۇل بېرىش مۇددىتىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئۇزارتىشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. ئۈچىنچى، تالاش - تارتىش بولمىغان پۇلنى بېرىش مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سودىسىدا قىسمەن تالاش - تارتىش بولسىمۇ، لېكىن باشقا قىسمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا تەسىر يەتمىگەن بولسا، تالاش - تارتىش بولمىغان قىسمىغا پۇل بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى.

سوئال: نىزامدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى جەھەتتە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

جاۋاب: نىزامدا «نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش»قا ئائىت مەخسۇس باب تەسىس قىلىنىپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىلدى: بىرىنچى، قەرەللىك خىزمەت دوكلاتى بېرىش تۈزۈمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تارماقلىرى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئۆزىگە مەسئۇل تارماق ياكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىغا مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بېرىلىدىغان پۇلنى بەرمەسلىك ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش كېرەكلىكى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قەرەللىك ئاڭلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى. ئىككىنچى، چاقىرتىپ سۆزلىشىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى كۈچلۈك بولماسلىق، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ئېغىر دەرىجىدە نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، چاقىرتىپ سۆزلىشىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى، چەكلەش تەدبىرلىرى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشى ئېغىر ياكى جەمئىيەتتە ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارغا قارىتا مەمۇرىي ئىشلار ئىستېمالى، ئىشخانا، خىراجەت ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زۆرۈر چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارغا قارىتا مالىيە مەبلىغى بىلەن قوللاش، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، يۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەبلەغكە ئېرىشىش، بازار ئىجازىتى، سالاھىيىتىنى باھالاش، مۇنەۋۋەر - ئىلغارلارنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە چەك قويۇشقا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

سوئال: نىزامدا ئەرز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىغا قانداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؟

جاۋاب: ئەرز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر، نىزامغا ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى: بىرىنچى، گوۋۇيۈەننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش بويىچە ئەرز قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككىنچى، ئالاقىدار مۇددىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى تارماق ئەرزنى رەسمىي قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئون خىزمەت كۈنى ئىچىدە، تەرتىپ بويىچە ئەرزنى ئەرز بىر تەرەپ قىلغۇچى تارماققا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ ئەرزنى بىر تەرەپ قىلغۇچى تارماق 30 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئەرز قىلغۇچىغا يازما ئىنكاس قىلىشى كېرەك، ئەھۋال مۇرەككەپ ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەبلەر بولسا، بىر تەرەپ قىلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 90 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئۈچىنچى، ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى تارماق، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلغۇچى تارماق، ئەرز قىلغۇچى، ئەرز قىلىنغۇچى قاتارلىق ھەرقايسى ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

سوئال: نىزامنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە يەنە قانداق يېڭى بەلگىلىمىلەر بار؟

جاۋاب: بىرىنچى، قانۇن جاۋابكارلىقى كۈچەيتىلدى. نىزامدا «قانۇن جاۋابكارلىقى»غا ئائىت مەخسۇس باب تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇپ ناچار ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ناچار تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، جاۋابكارلىقى بار دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تەھدىت سېلىش، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئالاقىدار قانۇن جاۋابكارلىقى تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئىككىنچى، ساھە تەلەپچانلىقى كۈچەيتىلدى. مۇناسىۋەتلىك ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىدىن ساھە تەلەپچانلىقى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش، ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى؛ چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىن مال، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەت سېتىۋالغاندا پۇل بېرىش مۇددىتى ۋە ئۇسۇلى توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بېرىشىگە ئىلھام بېرىلدى. ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە مەدىتى سالمىقى زورايتىلدى. سودا بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىشنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلىم ھېساباتىدىكى پۇل، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش توختامى، زاپاس مال، ماشىنا - ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى كېپىللىك بۇيۇم قىلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.