شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش 1 - گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، قەرەللىك نازارەت قىلىش ۋە ئاتموسفېرانى مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خىزمەت پىلانى بويىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - نۆۋەتلىك 1 - تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىتا قەرەللىك نازارەت قىلىش ۋە ئاتموسفېرانى مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىش تاماملىنىدۇ، جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا دائىر مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمەت تەلىپىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى، مۇھىت قوغداشقا دائىر قانۇن - نىزاملار بىلەن يىرىك پىلان، پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، مەركەز ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا دائىر نازارەت قىلىش، تۈزىتىش بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش 1 - گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، جەمئىيەتتىكى تەسىرى ناچار بولغان گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرى ھەم ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا نۇقتىلىق قادىلىدىكەن؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىدە ناچارلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن رايون، ۋادىلارنى ھەم تۈزەش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن؛ يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدىكەن؛ يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتا «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش» ۋە «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق ئىگىلەيدىكەن.
نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: ئالاقىدار ئوبلاست، شەھەرلەر بۇ قېتىمقى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىشنى مەركەزنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى «ئۆزىنى تەكشۈرۈش» قىلىپ، نازارەت قىلىش جەريانىدا كەمتۈكلۈكلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پەرقلەرنى توغرا تېپىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، دەل جايىدا كۈچىشى، تۈزىتىشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.