تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى خەلق تۇرمۇشى ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك

شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى يىغىنى ئېچىلدى

​يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى خەلق تۇرمۇشى ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك

​ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى يىغىنىنى بىرلىكتە ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئورتاق پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 15 - قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «تۆت سىستېما»نى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىدە كۈچەش»نى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ئاممىسىغا ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى خەلق تۇرمۇشى ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى. 15 - قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا سەمىمىي ئۈمىدى ۋە ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «خەلق ئىشلىرىدا خەلقنى كۆزلەش، خەلق ئىشلىرىدا خەلقنى سۆيۈش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئىشلىرى خىزمىتى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىگە چېتىلىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشنى كۆزلەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق شىنجاڭ خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ كۈچ قوشۇش، تىرەك بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ياشانغانلار كۆپىيىشكە ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى - ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى ئىلمىي، ياخشى تۈزۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە تۈرلۈك بايلىق ۋە مەبلەغنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ۋە چەت - يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئاساسىي جەمئىيەت مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆيلىنىش، دەپنە ئىشلىرىدىكى كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇلنى پۇختىلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشسىزلار، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، تۆۋەن كاپالەت گىرۋىكىدىكىلەر قاتارلىق تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ بېكىتىش، يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. بالىلار پاراۋانلىق كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يەر - جاي ناملىرىنى بېكىتىش، نامىنى ئۆزگەرتىشنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي توپلارنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەيرىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. ياشانغانلار ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بېيىتىش كېرەك. دىققەتنى تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دەپنە ئىشلىرى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئىناقلىق، مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى زور مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، بايلىق كۈچىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، خەلقنى كۆزلەيدىغان - خەلقنى سۆيىدىغان، كەسىپكە پىششىق، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان خەلق ئىشلىرى كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ياخشى بېجىرىشى، ئەمەلىي بېجىرىشى، ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىشلىرى جەھەتتىكى كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.