تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۇاڭشى سەنجياڭ: چايچى دېھقانلار بىلەن بىللە ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈش

   2025-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ليۇجوۋ شەھىرى سەنجياڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جەيتاڭ كەنتىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى شۇ جايدىكى چايچى دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە چايزارلىقتا ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

   سەنجياڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئەۋزەل تەبىئىي مۇھىتى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئۇزاق چاي تېرىش تارىخىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ رايون چايچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال كۈچ چىقىرىپ، سەنجياڭ چېيىنىڭ داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل چايچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ۋۇ ليەنشۈن فوتوسى (خەلق تورى سۈرىتى)

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.